مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتا-ئانىلارنىڭ سالاھىيىتى مەكتەپ مائارىپىغا قانداقمۇ ئېنىقلىما بېرەلىسۇن؟

2021.11.04 16:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇش كېرەكمۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇش كېرەكمۇ؟ يېقىندا، «يۈەنپىڭ شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 11 خىل ئوقۇغۇچىنىڭ ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكا قىلىش جەدۋىلى» تالاش-تارتىش قوزغىدى، ئىگىلىنىشچە، ئىستاتىستىكا جەدۋىلىدە ئوقۇغۇچىلار «رەھبەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرى»، «ھوقۇق مونوپول تارماقلىرىنىڭ پەرزەنتلىرى»، «ئاتا-ئانىلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بار ئوقۇغۇچىلار» قاتارلىق كۆپ تۈرگە تەپسىلىي ئايرىلغان. نۆۋەتتە شۇ جايدىكى مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسى بۇ ئىشقا چېتىشلىق مەكتەپنى خاتا ئۇسۇلنى تۈزىتىش ھەمدە ئاتا-ئانىلار بىلەن ئالاقىلىشىش، ئۇلارغا چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بۇيرۇدى، ھەمدە ئالاقىدار خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى باشلىدى.

  «ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپە ئۇچۇرلىرىنى توپلاشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار-يوقلۇقى» توغرىسىدىكى تالاش-تارتىش يېقىندىن بۇيان كۆپ قېتىم دىققەتنى تارتتى، نۇرغۇن جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرىمۇ بۇ ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق چۈشەندۈردى: بەلكىم پسىخولوگىيەلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بويىچە تەكشۈرۈشنىڭ ئېھتىياجى بولۇشى ياكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار رويخېتى ئۇچۇر سىستېمىسىنى تولدۇرۇش ئادىتى بولۇشى مۇمكىن. ھەر خىل ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، جايلار ئادەتتە «ئاتا-ئانىلارنىڭ خىزمەت ئورنى ۋە ۋەزىپىسى» قاتارلىق سەزگۈر مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلەرنى تاللاپ تولدۇرىدىغان تۈر قىلىپ تەسىس قىلىدۇ ھەمدە جەدۋەلنى ئادەتتە مەخسۇس ئادەم، مەخسۇس ئىشخانىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرىدۇ، دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچىلارغا ئېلان قىلىنمايدۇ. بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى «ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپە ئۇچۇرىنى يىغىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈردى. توپلاش تەرتىپى كۈندىن-كۈنگە قېلىپلىشىۋاتقان، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىنىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، يۈەنپىڭ شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپ نېمە ئۈچۈن تەتۈر يۆنىلىشتە ھەرىكەت قىلىپ، تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن ئۆلچەمنى قوللىنىپ، ئاتا-ئانىلارنى دەرىجە ئايرىپ، ئېسىلزادە ياكى ئادەتتىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى بېكىتىدۇ؟

  ھۆكۈمەت تەرەپ تەكشۈرۈش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئىشنىڭ جەريانىنى ئەسلىگە كەلتۈردى: ئاتا-ئانىلارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرىنى ئىستاتىستىكا قىلىشنىڭ ئەسلىي مەقسىتى «نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئۆيدە قالغان بالىلار، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنى رەتكە تۇرغۇزۇش» بولۇپ، ئايرىم سىنىپ مەسئۇلى مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش يىغىنىنىڭ روھىنى خاتا چۈشىنىپ، نامۇۋاپىق جەدۋەل تارقاتقان. مۇنداق قارىغاندا، ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغاشتىكى خاتالىق مۇئەللىمدە. ئۇنداقتا جەدۋەل سىزىشنىڭ باشلامچىسى كىم؟ ئاتا-ئانىلارنى تەپسىلىي دەرىجىگە ئايرىشنىڭ ئۆلچىمى نېمە؟ مەكتەپنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدىمۇ-يوق؟ ھۆكۈمەت تەرەپ تېخىمۇ تەپسىلىي، تېخىمۇ ئىنچىكە بولغان نوپۇزلۇق تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ بېشىدىن ئەگىپ ئۆتۈۋاتقان گۇمانلىق بۇلۇتلارنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارقىتىۋېتىشى كېرەك.

  مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئوقۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە تالانتىغا ئاساسەن ئوقۇتۇشنى قانات يايدۇرۇش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بىز ئائىلە مۇھىتى ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ كەسپىنىڭ بالىلارنىڭ مىجەز-خاراكتېرىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايمىز، لېكىن ھەمىشە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى تەكىتلەپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ كەسىپ تۈرىنى ئىنچىكىلەشتۈرسەك، كىشىلەردە «پۇلىغا قاراپ تەلىم-تەربىيە ئېلىپ بېرىش»، «سالاھىيىتىگە قاراپ ئادەم تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت چەكسىز تەسەۋۋۇر پەيدا بولۇشتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، مائارىپنىڭ ئوبيېكتى جۇشقۇن ئوقۇغۇچىلار، ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ سالاھىيىتى ئەمەس.

  ئاتا-ئانىلارنىڭ نەتىجىسى ئەزەلدىن مەكتەپ مائارىپىغا ئېنىقلىما بېرىشنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسىگە دائىر ئۇچۇرلارنى نامۇۋاپىق توپلاش قىلمىشلىرىنى توختىتىدىغان ۋاقىت كەلدى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ