مىسىر 12-ئايدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنى يېڭى مەمۇرىي پايتەختكە كۆچۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2021.11.04 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 11-ئاينىڭ 3-كۈنى، مىسىرنىڭ يېڭى مەمۇرىي پايتەختىدە تارتىلغان يېڭى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىناسى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ئەھمەد گوما فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مىسىر زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى 3-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، مىسىر ھۆكۈمىتى 12-ئايدىن باشلاپ يېڭى مەمۇرىي پايتەختكە كۆچىدۇ، دېدى.

  زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى باسسام رادى مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت بىناسى قاتارلىقلارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت 12-ئايدىن باشلاپ يېڭى مەمۇرىي پايتەختكە كۆچۈپ، ئالتە ئاي سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ نوپۇس زىچلىقى يۇقىرى، شەھەر ئۇل ئەسلىھەلىرى ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. مىسىر ھۆكۈمىتى 2015-يىلىدىن باشلاپ قاھىرەنىڭ شەرقىدىكى قۇملۇقتا بىر يېڭى مەمۇرىي پايتەخت قۇرۇشنى پىلانلىدى، ئۇنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 700 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن 6 مىليون 500 مىڭ نوپۇس ھەمدە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە چەت ئەل ئەلچىخانىلىرى يۆتكىلىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يېڭى مەمۇرىي پايتەخت يەنە تەخمىنەن 2 مىليون كىشىگە ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ