مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«سىلىق-سىپايە ئەمەلدار»لىق، «يۇمۇلاقتاۋۇز»لۇق، «پىرىنسىپسىز»لىقنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئون خىل ئىستىلغا جەڭ ئېلان قىلىش كېرەك!

2021.11.01 17:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 1-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىستىل مەسىلىسى پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسىدۇر.

  يېقىندا، خۇبېي ئۆلكىسى خۇاڭگاڭ شەھىرى لوتيەن ناھىيەسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداش بىر قېتىملىق يىغىندا، ئاز ساندىكى كادىرلارنىڭ ناتوغرا ئىستىلىنى خۇلاسىلەپ، «ئون خىل ئىستىلغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىپ»، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنىڭ جانلىق ئىزاھاتىغا ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ 10 خىل ئىستىل تۆۋەندىكىچە: ئولتۇرۇۋېلىپ باھا بېرىدىغان، قۇسۇر تاپىدىغان، ئېغىزىنىلا ئىشقا سېلىپ، قول سالمايدىغان «ئالىيجانابلار» ئىستىلى؛ پەقەت مائاش ۋە مۇكاپات پۇلى ئازايمىسا، خىيانەت قىلمايدىغان ھەم ئىش قىلمايدىغان «ئاقنانچى»لار ئىستىلى؛ ئەگىتىپ ئېيتىدىغان، ئابستراكت مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، كونكرېت ئىنكار قىلىدىغان «ئىچكى چىرمىشىش» ئىستىلى؛ ئادەم بەك ئالدىراش، ئەمما ئىش شۇ پېتى تۇرىدىغان، سۇ يۈزىدە دومىلاپ، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان «ئۆتكۈنچى كادىر»لار ئىستىلى؛ كىم قىلالىسا شۇ قىلىدىغان، قىلىشنى ئۇقمىسىلا قىلمايدىغان، ئاجىز بولغاچقا يوللۇق بولىدىغان «گىگانت بوۋاق» ئىستىلى؛ قارىماققا چىرايلىق، ئىز قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي نەتىجىگە ئەھمىيەت بەرمەيدىغان «ئارتىس»لىق ئىستىلى؛ رەھبەرگە خوش-خوش دەپ، ئاممىغا تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان «بىيۇروكرات»لىق ئىستىلى؛ پەقەت ئەمەلدار بولۇپ ئىش قىلمايدىغان، پەقەت تەمىناتتا بەسلىشىپ، مەسئۇلىيەتتە بەسلەشمەيدىغان، پەقەت خىزمەت ئىستاژىنىلا سېلىشتۇرۇپ، تۆھپىسىنى سېلىشتۇرمايدىغان «ھەممىدىن ئاغرىنىدىغان»لار ئىستىلى؛ بىلىپ تۇرۇپ خۇپسەنلىك قىلىدىغان، ئىشنىڭ ئاسىنىنى قىلىپ، تەس ئىشنى قىلمايدىغان، باشقىلارنى رەنجىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان «ياخشىچاق»لار ئىستىلى؛ يۈزتۇرانە دېمەي، كەينىدىن قالايمىقان گەپ قىلىدىغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ئىستىلى.

  بۇلار ئايرىم پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغانلىقى، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا زېرەك ئىكەنلىكى، خىزمەتنىڭ يېنىكىنى تاللاپ، ئېغىرىدىن قورققانلىقى، نەپ تېگىدىغان ئىش ئورنىنى تاللاپ، نەپ تەگمەيدىغانلىرىدىن يىراق تۇرىدىغانلىقى، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئەقىل بىلەن ئۆزىنى ئايايدىغانلىقى، ھەق-ناھەق قارىشىنىڭ سۇسلىقى، پىرىنسىپاللىقىنىڭ كۈچلۈك ئەمەسلىكى، ھەققانىيەت تۇيغۇسىنىڭ چېكىنگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى، شۇنداقلا پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقى، ئىدىيەۋى ئېڭىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقى، ئەخلاق سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

  بۇ «10 خىل ئىستىلغا جەڭ ئېلان قىلىش»تا تۆھپە يارىتىشنى كۆزلىمەي، خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكنى كۆزلەيدىغان «يۇمىلاقتاۋۇز»لۇق، «ياخشىچاق»لىق، «پىرىنسىپسىز»لىقنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىش لازىم. پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى، جەڭگىۋارلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغانلىكى مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان كېسەللەرنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىدا پەيدا بولغان زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. بۇ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ تەلىپى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ساداسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ