مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى بەلگىلىمە | ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر يىلى بىر قېتىم مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتىدۇ

2021.11.01 10:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئاينىڭ 29- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2008- يىلى تارقاتقان «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى باشقۇرۇش چارىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنى باشقۇرۇش چارىسى (2021-يىل نەشرى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ»)نى تۈزدى ھەمدە يېقىندا بېسىپ تارقىتىدۇ.

  «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر يىلى بىر قېتىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە تەشكىللەيدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش سورۇنى داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ياكى مەكتەپلەردە تەسىس قىلىنىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئاپپاراتى زۆرۈر بولغان سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى تەڭشەيدۇ، تەكشۈرۈش ئۇسۇلى دۆلەت، ساھە ياكى يەرلىك بەلگىلىگەن ئۇسۇل ۋە ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدۇ ھەمدە قەرەللىك توغرىلىنىدۇ.

  «چارە»گە ئاساسەن، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرى ئاساسىي تۈر ۋە تاللاشقا بولىدىغان تۈر دەپ ئايرىلىدۇ. ئاساسىي تۈرلەر ئۆسۈپ يېتىلىش ھالىتى كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈش، ئىچكى كېسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈش، تاشقى كېسەللىكلەر بويىچە تەكشۈرۈش، قۇلاق، بۇرۇن، كېكىردەك تەكشۈرۈش، كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمى، ئېغىز بوشلۇقى بۆلۈمى ۋە تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جايلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن، ئاساسىي تۈرلەرگە كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، تاللاشقا بولىدىغان تۈرلەرنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە بولىدۇ.

  «چارە»دە يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇغۇچىلار ۋە ۋەسىيلىرىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىپ ماقۇللىقىغا ئېرىشكەن ئەھۋالدا، سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئاپپاراتلىرى يەككە مەلۇم قىلىش تالونى شەكلىدە مەكتەپكە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىنكاس قىلىدۇ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەسىيلىرىگە ئىنكاس قىلىدۇ. سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئاپپاراتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەكتەپ جەملەش دوكلاتى، رايوندىكى مەكتەپ جەملەش دوكلات تالونى شەكلىدە مەكتەپ ۋە رايونلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ