مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شەكىلۋازلىقنىڭ تامغا چىقىشىدىن ھوشيار بولۇش لازىم

2021.10.27 11:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلاردىكى كەنت (مەھەللە)لەردە ۋىۋىسكىنىڭ سانى كۆپ، تۈرى كۆپ، قۇرۇق نامىلا بار بولۇپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدىكى بىر چوڭ يۈككە ئايلاندى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئىنتايىن جاپا چەكتى. يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى «ۋىۋىسكا ئۈستىدىكى قالايمىقانچىلىق»نى مەركەزلىك تۈزەپ، ۋىۋىسكا ئارقىسىدىكى شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ئىستىلىنى چوڭقۇر قېزىپ چىقتى، بىر يىلدىن بۇيان ئۆلكە بويىچە جەمئىي 1 مىليون 900 مىڭدىن ئارتۇق ۋىۋىسكا ئېلىۋېتىلدى.

  ئاساسىي قاتلامغا ۋىۋىسكا ئېسىشتىكى ئەڭ دەسلەپكى مەقسەت «كۆرسەتمە بېرىش»، «ئۇقتۇرۇش قىلىش» بولۇپ، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرگەندە جاينى تېپىش، توغرا ئىشىكتىن كىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئىدى. لېكىن قاچاندىن باشلاپ ۋىۋىسكا ئېسىشنىڭ «ئىز قالدۇرۇپ باشقۇرۇش»نىڭ مۇھىم ۋاسىتىسىگە ئايلانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ، بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلار ۋىۋىسكا ئېسىش ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە قىزىقىدۇ؛ نۇرغۇن ئاساسىي قاتلاممۇ ئۆز پېتى كۆچۈرۈپ كېلىپ، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش-ئەمەلىيلەشتۈرەلمەسلىكىدىن قەتئىينەزەر، ئالدى بىلەن ۋىۋىسكا ئېسىپ پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرىدۇ... ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ۋىۋىسكا ئېسىش بىر خىل ناچار كەيپىياتقا ئايلىنىپ، نۇرغۇن جايلاردا «تاملار ۋىۋىسكىلار بىلەن لىق تولغان» قالايمىقان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. شەندۇڭنىڭ 58 كەنت (مەھەللە)نى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، رەتكە تۇرغۇزۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەربىر ئىش بېجىرىش ئورنىغا ئېسىلغان ۋىۋىسكا 40 تىن ئاشقان.

  ئۈستىدە مىڭ تال يىپ بولسا، ئاستىدا بىر تال يىڭنە بار. ئاساسىي قاتلام تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاچقۇچلۇق ھالقا، لېكىن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىي قاتلاملىق ئالاھىدىلىكى بار، بەزى كەنت (مەھەللە)لەردە ئاران نەچچىلا ئادەم بار، ئەگەر ئىشنىڭ ئېغىر-يىنىكى، جىددىي ياكى ئادەتتىكى ئىش بولۇشى بىلەن ھېسابلاشماي بىردەك ۋىۋىسكا ئېسىش، يىغىن ئېچىش، جەدۋەل تولدۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كەتسە، ئۇنداقتا ھەربىر ئادەمدىن خۇددىي سۇن ۋۇكۇڭدەك ئۆزىنى نەچچىگە بۆلۈشنى تەلەپ قىلغانلىق بولمامدۇ؟ ھەتتا نۇرغۇن ماركىلارنىڭ ھەممىسى نامدا بار، ئەمەلدە يوق «قۇرۇق سۆلەت» بولۇپ، ئەگەر پەقەت تەكشۈرۈشنى قارشى ئالىدىغان سەھنە جابدۇقلىرى ھېسابىدا بولسا، «بىر ۋىۋىسكا ئېسىپ، بىر تۈرلۈك خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. «ۋىۋىسكا قالايمىقانچىلىقى» گەرچە كىچىك بىر كېسىش ئېغىزى بولسىمۇ، لېكىن شەكىلۋازلىقنىڭ تۈرى كۆپ بولۇش، تۈپتىن ھەل قىلىش قىيىن بولۇشتەك چوڭ مەسىلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  ۋىۋىسكا ئېسىش نەتىجە ئەمەس، تامغا ئېسىلغان بىلەن دۇكاننى بېزىيەلمەيدۇ. تېخىمۇ كۆپ جايلارنىڭ «ۋىۋىسكا كۆپ بولۇش»تەك قالايمىقانچىلىقنى تېز تۈزەپ، ئارتۇق ۋىۋىسكىنى ئېلىۋېتىپ، ۋىۋىسكا ئېسىلىدىغان تۇپراقنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىپ، ئازادە ئىش قىلىش كەيپىياتى يارىتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا، تەرەققىياتنى كۆزلەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشقا سەرپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ