كۆكخوتتا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ

2021.10.25 12:59 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 10-ئاينىڭ 24-كۈنى، كۆكخوت شەھىرى خۇيزۇلار رايونى كۇەنشياڭزى مەھەللىسىدە تەسىس قىلىنغان ۋاقىتلىق يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا، خىزمەتچى خادىملار مۇھىتنى دېزىنفېكسىيە قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 24-كۈنى سائەت 16گىچە، ئىچكى موڭغۇلنىڭ كۆكخوت شەھىرىدە ھازىر بار بولغان يەرلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئۈچ نەپەر، گۇمانىي بىمار بىر نەپەر. يۇقۇم ۋەزىيىتى ۋە ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، كۆكخوت شەھىرى نۇقتىلىق رايونلاردىكى خادىملار ۋە بارلىق ئايروپىلان، پويىز، يولۇچى توشۇش نۆۋەتچى ئاپتوموبىلى، تاكسى، توردا كېلىشىش ئاپتوموبىلى، شەخسىي ئاپتوموبىل قاتارلىق قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ كۆكخوت شەھىرىگە كىرىپ-چىقىدىغان بارلىق خادىملارغا يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ يۈەن فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ