مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «باشلىق تەيىنلەش تۈزۈمى» ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ «ھەممىگە قادىر شىپالىق دورىسى» ئەمەس

2021.10.25 11:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش داۋامىدا تۈرلۈك «باشلىق» تەيىنلەشتەك ئىزدىنىش ئەمەلىيىتى «بارلىق شەيئىلەرگە باشلىق» تەيىنلەشكە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ «كۆپ خىل باشلىقلارنى بىرلەشتۈرۈش» ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ نورمال ھالىتىگە ئايلانغاندا، «باشلىق تەيىنلەپلا ئىشنى تۈگىتىش» خىزمەت قىلىش خاھىشى مەۋجۇت بولامدۇ-قانداق؟ يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئايرىم جايلاردا «مەلۇم باشلىق تەيىنلەش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇش جەريانىدا، ئۇقۇمنى ئالدىن يولغا قويۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈش كەمچىل بولۇش، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھەرىكەت ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

  شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، «مەلۇم باشلىق تەيىنلەش تۈزۈمى»نى يولغا قويۇشنىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى شۇكى، رەھبىرىي كادىرلار «قوماندانلىق» قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى تولۇق قوزغاپ، بايلىقنى مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك بىرىكتۈرۈپ تەقسىملەپ، زور بىر تۈركۈم «چىگىش، مۇرەككەپ كېسەللەر»نىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. دەريانىڭ بۇلغىنىشىغا ئۇزۇن يىللار بولسا، «دەريا باشلىقى»نىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار؛ يول قاتنىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئۇزۇندىن بۇيان ھەل قىلىنمىغان بولسا، «يول باشلىقى» مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ بىنادا ئادەم كۆپ، ماجىرا ئۈزۈلمىگەن بولسا، «بىنا باشلىقى» قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتىن باش تارتماسلىقى كېرەك... بۇ ئۈنۈملۈك ياخشى چارە، ياخشى تەجرىبىلەر ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە قالتىس ئۈنۈمگە ئىگە.

  شۇغىنىسى، شەيئىلەر ۋە ئەھۋالنىڭ پەرقى چوڭ، بىر تۈرلۈك تۈزۈمنىڭ ھەممە يەرگە باب كېلىشى ناھايىتى تەس. ئەگەر پەقەت شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كېلىشنىلا بىلىپ، بىر تۈرلۈك تۈزۈم مېخانىكىلىق ئىجرا قىلىنسا، ئىش ئويلىغان يەردىن چىقماسلىقى مۇمكىن، مەسىلىنى بايقاش، ھەل قىلىش قىيىن بولۇپلا قالماستىن، ھەتتا ئەكسىچە بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. بەزى كەنتلەردە، بىر كادىر ئورمان باشلىقى، يول باشلىقى، دەريا باشلىقى، ئېتىز باشلىقى، چارلاش باشلىقى قاتارلىق كۆپ ئىش ئورنىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان، ھەربىر «باشلىق»نىڭ باھالاش تەلىپى بولىدۇ، زېھنىي كۈچى چەكلىك بولغان ئەھۋالدا، تاقابىل تۇرۇش، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، شەكىلۋازلىق ئىستىلىنى پەيدا قىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ؛ بەزى جايلاردا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلمايلا، ئاھالە كۆلىمى چوڭ بولمىغان، خادىملار كۆپ يۆتكەلمىگەن جايلاردا «بىنا باشلىقى»، «قەۋەت باشلىقى» تۈزۈمىنى يولغا قويغان، بۇ ھادىسىلەر تۈزۈمنى شەكىلگە ئايلاندۇرۇپلا قالماستىن، يەنە مالىيە يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ھۇرۇنلۇق تەپەككۇرىنى ئۆستۈرىدۇ... باشقا بىرنى ئۇرۇپلا، تاپشۇرۇق كۆچۈرۈش پىسخىكىسى بىلەن قارىغۇلارچە «باشلىق تەيىنلەش تۈزۈمى»نى يولغا قويغاندا، نەتىجىدە مۇقەررەر ھالدا ئەسلىي مەقسەتتىن يىراقلاش كېلىپ چىقىدۇ.

  ئەلۋەتتە، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش بولۇشى سۈپىتى بىلەن، «باشلىق تەيىنلەش تۈزۈمى»نىڭ رولى كۆرۈنەرلىك، ئەھمىيىتى چوڭقۇر. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى چەكلەپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. جايلار، تارماقلار بۇنىڭدىن ساۋاق ئېلىپ، چوڭقۇر ئىبرەت ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ