مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئاتا-ئانىلار چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىندى، بۇ زادى زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىشمۇ؟

2021.10.25 11:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىسى مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يەپ ئىچى سۈرۈپ كەتتى، ئاتا-ئانىسى چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقتىن قولغا ئېلىندى؟ خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خېبېي ئۆلكىسى لىنجاڭ ناھىيەسىدىكى ياڭ خانىمنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئېرى بالىسىغىمۇ بىرەر ئىش بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، باشقا ئاتا-ئانىلار بىلەن بىرلىكتە مەكتەپ ئاشخانىسىنىڭ تازىلىق ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، «ئويلىمىغان يەردىن ‹ئۆكتەملىك قىلىپ چاتاق چىقىرىش> قا چېتىشلىق دەپ، ئالاقىدار تارماقلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنغان».

  گەرچە شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، توردا تارقالغان مۇناسىۋەتلىك مەكتەپنىڭ ياتاق-تاماق ئۇچۇرلىرى «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، مەزمۇنى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەن، لېكىن بۇ ۋەقە يەنىلا مۇرەككەپلىشىپ، توردا داۋاملىق ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، يەنىلا نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، ئامما ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.

  مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يېگەندىن كېيىن ئىچى سۈرۈپ قالدىمۇ؟ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ۋەقەگە چېتىشلىق مەكتەپ تۈزىتىشكە بۇيرۇلۇپ، ئاشخانىغا پېچەت چاپلانغىنى راستمۇ؟ قالغان تۆت ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىسى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بېرىلگەن، نېمە ئۈچۈن ياڭ خانىمنىڭ ئېرى جىنايى ئىشلار بويىچە قولغا ئېلىنىدۇ؟ ياڭ خانىمنىڭ ئېرىنى قولغا ئېلىشتا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاساسى نېمە؟

  كىشىلەر دائىم دېلو بېجىرىشتە «پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىش كېرەك»، دېيىشىدۇ. پاكىتقا قاتتىق ھۆرمەت قىلىپ، دېلونى كەم-كوتسىز قانۇن بويىچە بېجىرگەندىلا، تەرتىپ ئادىللىقى ۋە ئەمەلىي ئادىللىقنى نامايان قىلغىلى بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئاممىۋى پىكىر مەيدانىدا مۇنداق بىر سادا ناھايىتى كۈچلۈك بولماقتا، يەنى شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلار زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىپ، ياڭ خانىمنىڭ ئېرىنى قولغا ئالدى، دېيىلمەكتە. پاكىت مۇشۇنداقمۇ؟ شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش، تەپسىلىي ئىنكاس قايتۇرۇش، گۇمانلارغا جاۋاب بېرىش، پاكىتنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدا ئاممىغا جاۋاب بېرىش مەسئۇلىيىتى بار.

  بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي، بۇ ۋەقە بىر ئاممىۋى ۋەقەگە ئۆزگىرىپ كەتكەن، دەۋالاشقۇچىلار جاۋابقا، ئاممىمۇ جاۋابقا موھتاج. بىر تەرەپ قىلىنىشى ياخشى بولمىسا «ئېغىر جاراھەت» قالىدۇ، بولۇپمۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى مەۋجۇت بولسا، شۇ جايدىكى تارماقلار پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، شۇ جاينىڭ ئوبرازى زىيانغا ئۇچرايدۇ، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ.

  ئەگەر ياڭ خانىمنىڭ ئېرى ھەقىقەتەن قىلمىشى چېكىدىن ئاشقان، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان بولسا، قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى قانۇنچىل دەۋرنىڭ تېگىشلىك مەزمۇنى. ئەگەر قىلمىشى يېنىك بولۇپ، چوڭ زىيىنى بولمىسا، جىنايى جازانى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن، دەۋالاشقۇچىلارنى چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلغىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئاممىدا، «نورمال ھەم يوللۇق ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغدىسىمۇ زەربىگە ئۇچراپ ئۆچ ئېلىنسا، نەگە بېرىپ قائىدە سۆزلەش كېرەك؟» دەيدىغان بىر خىل تۇيغۇ پەيدا قىلىدۇ.

  «خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر قانۇن يۈرگۈزۈش دېلوسىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ھېس قىلدۇرۇش كېرەك»، بۇ سۆزنىڭ ھەر قانداق چاغدا ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، ھۆكۈمەت تارماقلىرى، بولۇپمۇ قانۇن يۈرگۈزۈش ئورگانلىرى بۇنى ئەستە چىڭ ساقلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ