مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، ئوقۇغۇچى بولۇش لازىم

كۆڭلىدىكى گەپنى دېيەلەيدىغان ئاساسىي قاتلامدىكىلەردىن كۆپرەك دوست تۇتۇش لازىم

2021.10.24 21:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خەلقنى ئۇستاز تۇتۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولۇشقا رازى بولۇش، بولۇپمۇ كۆڭلىدىكىنى ئېيتالايدىغان ئاساسىي قاتلامدىكىلەردىن كۆپرەك دوست تۇتۇش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىشكە، خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە پايدىلىق بولىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، بولۇپمۇ ياش كادىرلارنىڭ ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، ئاممىۋى قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  ئاساسىي قاتلامدا ئامما ئارىسىدا سۆزلىيەلەيدىغان، خېلى بىر قىسىم ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرەلەيدىغان بەزى «قىزغىن كىشىلەر» بار. ئۇلار ئامما ئارىسىدا بەلگىلىك ئابرۇيغا ئىگە بولۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى چۈشىنىپ، ئاممىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىدىكى قىيىن نۇقتا، ئاغرىق نۇقتىنى، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىكى توسالغۇلارنى ئېنىق بىلىدۇ. ياش كادىرلار ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت ۋەزىيىتى يارىتىپ، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلامدىكى «قىزغىن كىشىلەر» بىلەن كۆپرەك دوست بولۇپ، ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىيەتنى ئىگىلەپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە تېخىمۇ ياخشى ئېرىشىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىگىلىك تىكلىشى كېرەك.

  نۇرغۇن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىدىن كەلگەن ھەم ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان بولۇپ، مول ئاساسىي قاتلام خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە. ئۇلار كەنت ھويلىسىدا سىياسەتنى تەشۋىق قىلىدۇ، ئېتىز بېشىدا ئاممىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يىغىم ئىشلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ، قوشنىلار ئارا ماجىرالارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىش نەق مەيدانىدا پەيدا بولىدۇ... ئاساسىي قاتلامدىكى چوڭ-كىچىك ئىشلارنى ياخشى قىلىشتا مۇشۇ «كۆپ قىرلىق ماھىرلار»غا تايىنىش كېرەك. ياش كادىرلار بۇ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى بىلەن دوست بولۇپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ تاغ يولىدا مېڭىپ، پاتقاق دۆڭدە مېڭىپ، ئېتىزغا بېرىپ، نەق مەيداندا ئۆگىنىپ، نەق مەيداندا ئويلىنىپ، نەق مەيداندا ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ پۇختا، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك ئېسىل ئىستىلىنى، ئۇلارنىڭ پارتىيەنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئاممىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇش ماھارىتىنى، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۇسۇلىنى ئۆگەنگەندە، ئامما بىلەن تېخىمۇ تېز ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇپ، ئامما بىلەن ئالاقىلىشىش، ئامما ئۈچۈن ئىش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ