مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئاساسلىقى بۇ مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ

2021.10.22 20:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىز ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۆلىمى، سۈپىتى، قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ 21-ئۆكتەبىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى تېز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى شەكىللەندى.

  ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش-ئوقۇتۇشتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى، تەربىيەلەش-جازالاش ھوقۇقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مەزمۇنىدىكى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قاتارلىقلار كۆپەيتىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش-قۇتقۇزۇش مەجبۇرىيىتى كۈچەيتىلدى؛ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجازەت شەرتى ئۆستۈرۈلۈپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى تەلىپى ئۆستۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۆتكىلىنى ئىگىلەش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئىجازەت ئۆتكىلى ياخشى ئىگىلەندى؛ ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇنۋان باھالاش بىلەن ئىش ئورنى تەسىس قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلىنىڭ بىرىنچى ئۆلچىمى ۋە ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلدى.

  جۇڭگوچە ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان پىداگوگىكا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش تەكىتلەندى. تەمىنات ۋە كاپالەتنى كۈچەيتىپ، كاپالەت مېخانىزمىنى تۈرگە ئايرىپ ئورنىتىپ، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىش، ئەلا نەتىجە بىلەن يۇقىرى ھەق ئېلىشتەك مائاش تەقسىمات تۈزۈمى ۋە مائاش ئۆستۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش، خاتىرجەم ئادەم تەربىيەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش-جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك.

  خۇەي جىنپېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەرتىپى بويىچە، خىزمەت سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېزدىن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ