مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«چاقچاق قىلىش» جىنسىي پاراكەندىچىلىكنى ياپالمايدۇ

2021.10.22 20:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رېئال خىزمەت سورۇنىدا، بەزىلەر دائىم چاقچاق قىلىشقا ئامراق، بەزىدە چاقچاق سەل «ئېغىر» بولۇپ كېتىدۇ، بۇنداق قىلمىش خىزمەت مەيدانى خاراكتېرلىك پاراكەندىچىلىك شەكىللەندۈرەمدۇ؟ يېقىندا مەلۇم جايدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئاشپەزلەر باشلىقى دۇ فامىلىلىك ئادەتتە سېرىق يۇمۇر سۆزلەشكە ئامراق بولغاچقا، خىزمەتدىشى شياۋ لۈ «جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدىم» دەپ سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان. سوت قىلىش ئارقىلىق 1-سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى دۇ فامىلىلىكنى شياۋ لۈنىڭ روھىي زىيان تەسەللىسى ئۈچۈن 5000 يۈەن تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغان، دۇ فامىلىلىك قايىل بولماي نارازىلىق ئەرز بەرگەن. بۇ يىل 5-ئايدا 2-سوت قىلغۇچى سوت مەھكىمىسى ئەسلىي ھۆكۈمنى ساقلاپ قالغان.

  ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، مۇۋاپىق پەيتتە چاقچاق قىلىش ھەقىقەتەن مەلۇم دەرىجىدە خىزمەت سورۇنى كەيپىياتىنى جانلاندۇرۇپ، ئوڭايسىزلىق ۋە خۇشاللىقنى يوقىتىدۇ. ئەمما، بەزى كىشىلەرنىڭ «چاقچاق قىلىش»نامى بىلەن جىنسىي پاراكەندىچىلىك سېلىشتەك رەزىل پىسخىكىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ. سېرىق يۇمۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاقچاقنى چوقۇم چەكلەش، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بېرىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش كېرەك، ھېچنېمىدىن تەپ تارتماسلىق، ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلۈشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. بولۇپمۇ باشقىلارنىڭ شەخسىيىتى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىچكى ھېسسىياتىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىش كېرەك.

  بەزىلەر ئىلگىرى خىزمەت سورۇنىدىكى چاقچاق ھەرىكىتى ئۈچۈن بىر قانچە «دىققەت قىلىدىغان ئىشلار تىزىملىكى» تۈزگەن بولۇپ، چوڭلارغا چاقچاق قىلماسلىق، يات جىنىستىكى خىزمەتداشلارغا ئېغىپ كەتكەن چاقچاق قىلماسلىق، خىزمەتداشلىرىغا دائىم چاقچاق قىلماسلىق، باشقىلارنى ئەخمەق قىلىشنى چاقچاق دەپ قارىماسلىق، خىزمەتداشلىرىنىڭ كەمچىلىكى ياكى يېتەرسىزلىكىگە چاقچاق قىلماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ياخشى نىيەتلىك تەكلىپ ناھايىتى ئورۇنلۇق بولۇپ، ئەستايىدىل ئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ.

  جىنسىي پاراكەندىچىلىك دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىردەك قارشى تۇرىدىغان ئەخلاقسىزلىق قىلمىشى. دۆلىتىمىز «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 4-قىسىم كىشىلىك قەدىر-قىممەت ھوقۇقى 1010-ماددىسىدا: «باشقىلارنىڭ ئارزۇسىغا خىلاپلىق قىلىپ، گەپ-سۆز، يېزىق، سۈرەت، بەدەن ھەرىكىتى قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن باشقىلارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغاندا، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ھەرىكەت قىلغۇچىدىن ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قانۇن بويىچە تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق» دەپ بەلگىلەنگەن.

  چاقچاقنىڭ جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا، ئىززەت-ھۆرمىتى زىيانغا ئۇچرىغان ۋە روھىي جەھەتتىن بىئارام بولغانلار رەت قىلىش پوزىتسىيەسىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى ھەمدە دەلىل-ئىسپات توپلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. بولۇپمۇ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان چاغدىكى ئۈن-سىن ۋە ئۈندىداردا پاراڭلىشىش خاتىرىسى ياكى 3-كىشىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىش لازىم. ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىغا ئاغزاكى ئېتىراز بىلدۈرۈشى ھەم مەسئۇل رەھبەرگە مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قىلىپ، ۋەقەنىڭ يامراپ كېتىشى ياكى ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ