مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورتاق بېيىشتا «پاراۋانىزم» توزىقىدىن ئېھتىيات قىلىش لازىم

2021.10.22 20:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەركىن-ئازادە خىزمەت قىلسا، ھەتتا خىزمەت قىلمىسىمۇ ھەر خىل كاپالەتلەردىن بەھرىمەن بولالىسا، قىشتا قار تېيىلغىلى، يازدا دېڭىز بويىغا بېرىپ ئاپتاپقا قاقلانغىلى بولسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كۈنلەر ئومۇميۈزلۈك بولسا، ھەممە ئادەم بەھرىمەن بولالىسا، بەك راھەت، شۇنداقمۇ؟ بۇ ئەلۋەتتە كىشىنى تەلپۈندۈرىدۇ. ئالدىنقى يىللاردا نۇرغۇن كىشىلەر شىمالىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكىلەرنىڭ كۈنلىرىگە ھەۋەس قىلىپ، ئۇنى بىزنىڭ يۆنىلىشىمىز ۋە نىشانىمىز دەپ قارىغان، كۈنلەرنىڭ بىرىدە دۆلىتىمىزنىڭمۇ بىز ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى تەمىنلەپ بېرىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى، خۇددى بەزى ئالىملار ئېيتقاندەك، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ھەربىر پۇقرانىڭ «بۆشۈكتىن قەبرىگىچە بولغان ھاياتى»نى قاپلايدۇ، دېيىشكەن. يېقىندىن بۇيان، ئورتاق بېيىش تەكىتلىنىۋاتقاندا، بەزىلەر يەنە مۇشۇنداق قايمۇقۇپ قالدى، بەزى نامۇۋاپىق كەيپىياتلار يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىقىپ، يۇقىرى پاراۋانلىق، تولۇق پاراۋانلىق دەۋرى يېتىپ كېلەي دەپ قالدى، دەپ قارىدى، ھېلىمۇ ياخشى نوپۇزلۇق تارماقلار ۋە بىلىملىك زاتلار كەسكىن ھالدا: ئورتاق بېيىشتا «پاراۋانلىق توزىقى»غا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

  «پاراۋانلىق» دېگەن بۇ سۆز ناھايىتى جەلپكار، تەسەۋۋۇرغا باي، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئېيتقاندا مەنپەئەت، تەمىنات ۋە كاپالەت دېمەكتۇر. لېكىن ئۇنىڭ ئەكس تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، بىرىنچىدىن، ئادەم پاراۋانلىققا ھەددىدىن زىيادە تايىنىۋېلىپ، ھورۇن، بوشاڭ بولۇپ قالىدۇ، خىزمەت قىلىشنى خالىمايدۇ، كۈرەش قىلىشنى خالىمايدۇ، تەدرىجىي ھالدا ئالغا ئىنتىلىش روھى ۋە ئىجادچانلىقىنى يوقىتىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، كەڭ كۆلەملىك، سىجىل خاراكتېرلىك پاراۋانلىق چىقىمى ھۆكۈمەتنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قىلىپ قويىدۇ، باج كىرىمىنى ئاشۇرۇش يەنە كارخانا ۋە شەخسلەرنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، ياخشى بولمىغان ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئاممىنىڭ پاراۋانلىق تۈزۈمىگە تايىنىۋېلىشى شەكىللەنسە، ھۆكۈمەت ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقتا قالغاندا پاراۋانلىقنى ئازايتىشى كۆپ ھاللاردا جەمئىيەتتە داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ؛ تۆتىنچى، ئەگەر ھۆكۈمەت پاراۋانلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز قەرز ئالسا، ئۇنداقتا قەرز كىرىزىسى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى زورىيىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋەيران بولۇشىمۇ رېئاللىققا ئايلىنىدۇ، ئىلگىرىكى گرىتسىيە بۇنىڭ روشەن مىسالىدۇر؛ بەشىنچىدىن، بەزى غەرب ئەللىرىدىكى پارتىيەلەر سايلام رىقابىتىدە سايلىغۇچىلارغا ياخشىچاق بولۇش، سايلام بېلىتىنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن قۇرۇق ۋەدە بېرىپ، پاراۋانلىقنى كۆپەيتىمىزكى، كېمەيتمەيمىز، دەپ ئەمەلىيەتكە قارىماي ۋەدە بېرىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت ۋە خەلققە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىق بولۇپ، كاپىتالىستىك دېموكراتىيەنىڭ ساختىلىقىنى گەۋدىلەندۈردى؛ ئالتىنچى، ئايرىم تەرەققىي تاپقان كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە قەرز كىرىزىسى يۈز بەرسە، زومىگەرلىك ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ كىرىزىسنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن باشقىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى بۇلايدۇ.

  بىز كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى سوتسىيالىستىك دۆلەت، بىز دەۋاتقان ئورتاق بېيىشنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەزمۇنى بار، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن خەلق تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈش، مەنىۋى جەھەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مۇھىتى ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىش، جەمئىيەت ئىناق بولۇش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇنداق بايان قىلىش پاراۋانىزم بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ، بولۇپمۇ بىز تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ۋە ئورتاق كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئورتاق بېيىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلەيمىز، ئورتاق بېيىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكى، مۇرەككەپلىكىنى تەكىتلەيمىز، ئورتاق بېيىشنىڭ مەنىۋى بېيىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇميۈزلۈك بېيىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيمىز، ھۆكۈمەتنىڭ ھەممىنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىۋالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيمىز، «ھورۇنلارنى بېقىش»، «كۈتۈپ تۇرۇش، تايىنىۋېلىش، تەلەپ قىلىش» قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشنى تەكىتلەيمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسى پاراۋانىزم بىلەن چەك-چېگرانى ئېنىق ئايرىيدۇ. شۇڭا، گەرچە ئىككىسى ئوخشىشىپ كەتسىمۇ، لېكىن مۇتلەق ئوخشىمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ