مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆزىنى ئاشكارىلاش شەكلىدىكى تىللاشتىن كىم نومۇس قىلىشى كېرەك؟

2021.10.22 20:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى تۇرمۇش خىراجىتىنى بەك ئاز دەپ دادىسىنى تىللىغان تېما داۋاملىق قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. 10-ئاينىڭ 19-كۈنى، بۇ ۋەقەدىكى قىز جاۋاب قايتۇرۇپ، تۇرمۇش خىراجىتى يېتەرلىك بولماسلىقنىڭ ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، دادىسى بىلەن يارىشىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

  بىر گۇرۇپپا پاراڭلىشىش رەسىمىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىزىنىڭ ئىسپانىيەدە ئوقۇش چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 11 مىڭ يۈەن پۇل يۆتكىگەن ئەھۋال ئاستىدا، دادىسى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئىناۋەتلىك كارتىسىدىكى 50 ياۋرونىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سورىغان. ئارقىدىن قىزىغا ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كونترول قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، ھەر ئايلىق چىقىمىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. قىز مۇتتەھەملىك قىلىپ: «مەن پەقەت تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىلا سېتىۋالدىم» دېگەن، ئارقىدىن تېما يوللاپ دادىسىنى «كۆڭلۈمنى ئېلەشتۈردى» دەپ ھاقارەتلىگەن.

  51 ياشلىق دادىسى ئۇماچ ئىچىپ، كۆكتات يەپ قىزىنى ئوقۇتقان، پۇت-قولى بار 23 ياشلىق قىز ھەر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل خەجلەيدىغان تۇرۇپ، يەنە تېخى ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ ئەمەس دېگەن، ئۆزىنى «ئۇۋالچىلىق»قا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلغان، بۇ راستىنلا مەسخىرە بولغان. كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن كىشىلەر توردا تارقالغان رەسىمنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلاندى.

  لېكىن، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقان بىر ھەقىقىي ھېكايە. ئۇ قىز پاراڭلىشىش خاتىرىسىنى تورداشلار توپىغا يوللاپ، كۆپچىلىك بىلەن دادىسىنى بىللە ئەيىبلىمەكچى بولغان، ئەسلىدە ھېسداشلىققا ئېرىشىمەن دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئويلىمىغان يەردىن ئۆزى ئەيىبلەش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. يەنە تورداشلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇ قىز ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ئاتا-ئانىسى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان، ئۇلارنى تىللىغان، يەنە ۋەتەنگە قايتىپ ئايرىۋېتىلىش مەزگىلىدە دېرىزىدىن سەكرەپ قاچقان بولۇپ، خاتالىقى چەكتىن ئاشقان، دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە خاتالىقىنى تونۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولسىمۇ، تونۇش دەرىجىسىدىنمۇ يېتىشىۋېلىشى كېرەك.

  قاغا جېنىدا ئانا قۇشنى باقىدۇ، قوزا سۈت ئەمگەندە تىزلىنىدۇ. 14.83 ياۋرو خەجلەپ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، بۇنى «تۇرمۇش لازىمەتلىكى» دەپ ئاتىغان، 23 ياشلىق قۇرامىغا يەتكەن ئادەم نېمىشقا بۇنداق ساددىلىق قىلىدۇ؟ بۇنىڭغا مەيلى دېسەك، 10 مىڭ يۈەن ھەقىقەتەن يەتمىگەندىمۇ، بۇ قىز نېمىشقا چىقىمنى تېجىيەلمەيدۇ ياكى تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجىمەيدۇ؟ تۇرمۇش خىراجىتى كەمچىللىكتىن ئۆزىمۇ، ئائىلىسىمۇ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغاندا، يەنە نېمە ئۈچۈن ھالىغا باقماي چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدۇ؟

  پاراڭلىشىش خاتىرىسىدىن قارىغاندا، تۇرمۇش پۇلى ھېساباتقا كىرمىگەنلىكتىن، قىزى ئاندىن ئىناۋەتلىك كارتىنى ئىشلەتكەن. دادىسى قىزىنى تۇرمۇش پۇلىنى ئىشلىتىپ بولغاچقا، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش پۇلىنى ئىشلەتكەن، دەپ ئويلىغان. ئىككىيلىسى ئۆز گېپىنى قىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھېچكىم مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، بۇ ئۇلارنىڭ بېقىش ئەندىزىسى، ئالاقە ئەندىزىسىدە مەسىلە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر دادا بالىنىڭ نەپسىنى بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن چوڭايتىۋەتمىگەن بولسا، بەلكىم قىزىنىڭ «مەندەك پەرىزاتنى باقالمايدىغان ئادەم ئەينى چاغدا مېنى تۇغماسلىقى كېرەك» دېگەندەك ئۆز-ئۆزىدىن مەمنۇن بولۇش خاھىشىدىن ساقلىنالىشى مۇمكىن ئىدى. ئۇقۇشماسلىق يۈز بەرگەندە ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرالىغان بولسا، ئاتا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئائىلە ئىشلىرىنى ئامما ئالدىغا سۆرەپ چىقمىغان، كىشىلەرنىڭ مىننەتدارلىق تەربىيەسى، ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئۇھسىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بولاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ