مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«خەلق گېزىتى»: 3-قېتىملىق تەقسىمات بايلارنى بۇلاپ، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش ئەمەس، ئىئانە توپلاشقا مەجبۇرلاشمۇ ئەمەس

2021.10.22 20:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىش جەريانىدا، «تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى. نۇرغۇن كارخانىلار بۇنىڭغا ئاتلىنىپ، كەسىپلەرنى يۆلەش، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنى گۈزەللەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە قاتناشتى، پەقەت شەرقىي رايوندىكى كارخانىلار نامراتلارنى يۆلەشتە ھەمكارلاشقان رايونلارغا سالغان مەبلەغنىڭ ئۆزىلا جەمئىي 1 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى.

  «تۈمەن كارخانا تۈمەن كەنتكە ياردەم بېرىش» ھەرىكىتى ھەم كارخانىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى، ھەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، تېخىمۇ مۇھىمى «ئالدىن بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارنى يېتەكلەيدىغان» غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنىڭ بارلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ تەۋرەنمەس كۈرەش نىشانى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئېلىمىزنىڭ رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات ئاساسى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئورتاق بېيىشنى تەكشى، بىردەك ئىلگىرى سۈرۈشكە بولمايدۇ، بەلكى قەدەممۇقەدەم باسقۇچ بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئورتاق بېيىش ئوخشاش ۋاقىتتا تەڭ قەدەمدە بېيىش دېگەنلىك ئەمەس، كونكرېت ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىر قىسىم كىشىلەر، بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئاۋۋال بېيىشىغا ئىلھام بېرىپ، ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارنى يېتەكلەپ، كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئورتاق بېيىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. «ئالدىن بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارنى يېتەكلەش» بىر لوگىكىلىق پۈتۈن گەۋدە، ھەم «ئالدىن بېيىغانلار»نى رىغبەتلەندۈرۈپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك؛ شۇنداقلا «كېيىن بېيىش»قا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. بىز ئەمگەك تاپاۋىتىنى، مۈلۈك ھوقۇقى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى، قانۇنلۇق بېيىشنى ھەقىقىي قوغداپ، كارخانىچىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، تۈرلۈك كاپىتالنىڭ قېلىپلىشىپ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاممىۋى پاراۋانلىق خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى كىرىملىك كىشىلەر توپى ۋە كارخانىلارنىڭ جەمئىيەتكە تېخىمۇ كۆپ جاۋاب قايتۇرۇشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىدا كۆڭۈل قويۇپ كۈچەپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە پۇل، ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلغانلىقتىن، بارغانسېرى كۆپلىگەن كارخانىچىلار جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش جەريانىدا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. پۇقراۋى كارخانىچىلار بېيىغاندىن كېيىن ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، ئائىلە، دۆلەتكە بولغان مۇھەببىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاۋۋال بېيىغانلار كېيىن بېيىغانلارغا ياردەم بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۈچىنچى قېتىملىق تەقسىماتنىڭ رولىنى ئورتاق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، 3-قېتىملىق تەقسىمات «بايلارنى بۇلاپ، نامراتلارنى قۇتقۇزۇش» ئەمەس، «ئىئانە توپلاشقا مەجبۇرلاش»قىمۇ ھەرگىز بولمايدۇ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئاڭلىق، ئىختىيارىي بولۇش ئاساسىغا قۇرۇلۇشى كېرەك. يۇقىرى كىرىملىكلەر ۋە كارخانىلار پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەلئارا ئىئانە، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئەخلاق نۇرىنى يورۇتۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىللىق ئېقىمىنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ