مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئوقۇتقۇچى بولۇش شەرتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلىشىدۇ

2021.10.22 11:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭ 21-ئۆكتەبىر مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلغاندا مۇنداق تونۇشتۇردى: ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئاساسلىقى ئوقۇتقۇچى بولۇش شەرتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك ۋە ھەر تۈرلۈك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇش تارىخى تەلىپى ئۆستۈرلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپكارلىق سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش ئۆتكەل مېخانىزمى ئورنىتىلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. كاپالەت مېخانىزمىنى تۈرلەرگە ئايرىپ ۋە ئورنىتىپ، كۆپ ئىشلىگەنلەر ۋە نەتىجىسى ياخشىلار كۆپ ھەق ئالىدىغان مائاش تەقسىمات تۈزۈمى ۋە مائاش كۆپەيتىش مېخانىزمى ئورنىتىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش، كۆڭۈل قويۇپ ئادەم تەربىيەلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنى تەقدىرلەش تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى ۋە بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ