مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار دوكلاتلارنى ماقۇللىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز

2021.10.22 11:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 21-ئۆكتەبىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىقى دوكلاتلار بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ بولۇپ، خاراكتېرى ۋە تەسىرى يامان، جۇڭگو بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇشى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى. ياۋروپا پارلامېنتى ماقۇللىغان يۇقىرىقى دوكلات خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە بەرگەن ئاشكارا ۋەدىسىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ، خاراكتېرى ۋە تەسىرى يامان، جۇڭگو بۇنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن يەنە مۇنداق دېدى: ياۋروپا پارلامېنتى جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى، شۇنداقلا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىش ۋە قارشىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك. «بىز ئالاقىدار تەرەپلەرگە شۇنى جىددىي ئۇقتۇرىمىزكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداشتىكى قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى، كۈچلۈك ئىقتىدارىنى سەل چاغلىماسلىقى كېرەك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ