مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ھۆكۈمەتنىڭ بىر مەزگىللىك «ئازابى» بەدىلىگە خەلقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم

2021.10.21 14:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر قۇرۇلۇش تۈرىدە قانچىلىك ۋاقىتتا ئىش باشلاشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە سورالغاندا، بىر كارخانا باشقۇرغۇچى مۇنداق دېدى: يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى بېرىلگەن شۇ كۈنىلا قۇرۇلۇش قىلىش رەسمىيىتىنى ئالغىلى بولىدۇ؛ ئىلگىرى بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن 600 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى بېسىپ كەسىپ بېجىرگەن مالىيە خادىملىرىمۇ: ئەمدى چېپىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى قالمىدى، دەپ ئىنكاس قىلدى... يېقىندا ئاياغلاشقان گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدە، 16 تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، دىققەتنى مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە خەلق ئاممىسى بىلەن ئىش بېجىرگەن كارخانىلارنىڭ چىن قەلبىدىن ئېيتقان سۆزلىرى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ غايەت زور نەتىجە-ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى.

  ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتە، قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى جايىغا قويۇش كېرەك. تەكشۈرۈشتە بايقىلىشىچە، ئالاقىدار تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتىش، ماتېرىياللارنى ئازايتىش، ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئازايتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يۈكىنى تۆۋەنلەتكەن. ھۆكۈمەتنىڭ قويۇپ بېرىشكە تېگىشلىك ھوقۇقنى قويۇۋېتىشى، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر ئەمەلدىن قالدۇرۇشى بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى كېمەيتىش ئارقىلىق تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ياخشى باشقۇرۇش كېرەك. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش مەسئۇلىيەتنى يېنىكلىتىش دېگەنلىك ئەمەس، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرغان ھەمدە ياخشى ئادا قىلغاندىلا، ئاندىن «باشقۇرسىلا ئۆلىدىغان، قويۇپ بەرسىلا قالايمىقانلىشىپ كېتىدىغان» كونا ئىزغا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ھازىر بەزى جايلاردا قويۇۋېتىش سالمىقى زور، ئۈنۈمى ياخشى بولسىمۇ، باشقۇرۇشنى بىلمەيدىغان، باشقۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويىدىغان ئەھۋاللار يەنىلا يۈز بېرىۋاتىدۇ. قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنىڭ دىيالېكتىكىسىنى چۈشىنىشتە ھۆكۈمەتنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قىيىن بولغان ھالقىلاردا دادىل قول سېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. مەيلى سۈپەت تۆۋەن چېكىنى ساقلاشتا بولسۇن ياكى مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش رىقابىتىنى كۈچەيتىشتە بولسۇن، ئاممىنىڭ مەنپەئەتى، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە چېتىلىدىغان چوڭ-چوڭ ئىشلارنى ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەقىقىي باشقۇرۇشى، تەدبىرلەرنى چىڭىتىشى، مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ جايىدا ئادا قىلىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى كېرەك.

  پايدا-زىيانغا كەلگەندە دىيانەت قارىشىنى بىلگىلى بولىدۇ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئىسلاھاتتا بىلگىلى بولىدۇ. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنىڭ ئۈنۈمىدە مۇھىمى ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن ئاممىنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش-قىلالماسلىققا قاراش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ھۆكۈمەت پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىش، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەنپەئەت توسۇقىنى يەنىمۇ بۇزۇپ تاشلاپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىدا جەزمەن ھاياتىي كۈچنى قويۇپ بېرىپ، ئادىل باشقۇرۇپ، ئۈنۈم بىلەن قايىل قىلغاندىلا ھۆكۈمەتنىڭ بىر مەھەللىك «ئازابى» بەدىلىگە خەلقنىڭ كەلگۈسى مەنپەئەتىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ