گەنسۇ ساقچىلىرى پەۋقۇلئاددە زور يەر ئاستى سەرراپخانىسى دېلوسىنى پاش قىلدى

چېتىشلىق سومما 75 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى

2021.10.21 14:25 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: ساقچىلار قولغا چۈشۈرگەن دېلوغا چېتىشلىق بىر قىسىم بۇيۇملار. (ساقچى تەرەپ تەمىنلىگەن سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، گەنسۇ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئىقتىسادىي جىنايەتنى تەھقىقلەش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ساقچىلار پەۋقۇلئاددە زور يەر ئاستى سەرراپخانىسى دېلوسىنى پاش قىلىپ، بەش جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلغان، 36 جىنايەت گۇماندارىنى ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، دېلوغا چېتىشلىق سومما 75 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  2019-يىلى 4-ئايدا، گەنسۇ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىر قانۇنسىز يەر ئاستى سەرراپخانا تىجارىتى دېلوسى يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەھقىقلەشنى قانات يايدۇردى.

  ساقچى تەرەپ ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئاساسلىق جىنايەت گۇماندارلىرى كونترول قىلغان تاشقى پېرېۋوت سودىسى ئىسچوتىدىكى سودا مەبلىغىنىڭ 75 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىدىغانلىقىنى، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چېتىلىدىغان بانكا ئىسچوتىنىڭ 8000 دىن ئاشىدىغانلىقىنى بايقىدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساقچىلار ما × × قاتارلىق بەش يەر ئاستى سەرراپخانا جىنايەت شايكىسىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ۋە قانۇنسىز سودىغا چېتىشلىق ھېساباتىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىدى، جىنايەت ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەت ئىزىمۇ بېكىتىلدى. 2019-يىلى 11-ئايدا، گەنسۇ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى 200 دىن ئارتۇق ساقچىنى تەشكىللەپ، ئالتە جايدا بىرلا ۋاقىتتا تورنى يىغىۋېلىپ، 36 جىنايەت گۇماندارىنى تۇتۇپ، بەش جىنايەت شايكىسىنى بىراقلا بىتچىت قىلىپ، 14 ئۇۋىنى بىتچىت قىلدى.

  ھازىر سوت مەھكىمىسى 29 جىنايەت گۇماندارىغا بىرىنچى سوتتا جىنايىتى بار، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ