خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەھەرلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن شەھەر بويىچە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئېغىر سىنىقىغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئومۇمىي ئىقتىسادنىڭ سىجىل ۋە مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى ئىزچىل ياخشىلىنىپ، تەرەققىيات سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ بىرتۇتاش ھېسابات نەتىجىسىگە ئاساسەن، 1-پەسىلدىن 3-پەسىلگىچە شەھەر بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 975 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، مۇقىم باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.7 ئېشىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 2.7 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى، 2019-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى يىلدا ئوتتۇرىچە %5.3 ئېشىپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى. كەسىپلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 7 مىليارد 130 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.2 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %5.6 تۆۋەنلىگەن؛ 2-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 520 مىليارد 660 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29.4ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %13.8 ئاشقان؛ 3-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2447 مىليارد 510 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشقان، ئىككى يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.7 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ