گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆلچەملەشتۈرۈش پىروگراممىسىنى يولغا قويدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

2021.10.20 11:44 مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت ئۆلچەملەشتۈرۈشنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تيەن شىخۇڭ، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى ئاساسىي تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ سۇڭ، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى پەن-تېخنىكا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ دو، يېزا ئىگىلىكى-يېزا مىنىستىرلىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شياۋ فاڭ، سودا مىنىستىرلىقى بازار قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئۆلچەمدە يېڭىلىق يارىتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۈي گاڭ قاتارلىقلار بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈش پىروگراممىسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ