خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەنتەربىيە قانۇنى (تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى)» 19-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 31-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.
تۈزىتىش لايىھەسىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: دۆلەت ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ؛ مەكتەپلەر چوقۇم تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىپ، تەنتەربىيە دەرسىنىڭ ئىگىلىۋېلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەر يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت تەنتەربىيە بايرىمى قىلىپ بېكىتىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ