مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش ۋاڭ جۈنجېڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى

2021.10.19 19:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى قارار قىلدى:

  يولداش شۈ چىن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا، شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى؛

  يولداش ۋۇ جېڭلۇڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش لوۋ چىنجيەن جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق، دائىمىي كومىتېت ئەزالىق، ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  يولداش يى ليەنخۇڭ جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش ليۇ چى جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق، دائىمىي كومىتېت ئەزالىق، ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  يولداش جاڭ چىڭۋېي خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، شۇجىسى بولدى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېت ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدىغان بولدى؛ يولداش شۈ داجې خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەيدۇ؛

  يولداش ۋاڭ جۈنجېڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئەزالىقىغا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىقىغا، شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى، يولداش ۋۇ يىڭجيې شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىلىق، دائىمىي كومىتېت ئەزالىق، ئەزالىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.




  ۋاڭ جۈنجېڭ، ئەر، خەنزۇ، 1963-يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، شەندۇڭ لىنيىدىن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، باشقۇرۇش ئىلمى دوكتورى. 1988-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987-يىلى 11-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن.

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، (مىنىستىر دەرىجىلىك).

  2016-يىلى 1-ئايدىن 2019-يىلى 1- ئايغىچە، جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، چاڭچۈن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2019-يىلى 1-ئايدىن 2019-يىلى 2-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

  2019-يىلى 2-ئايدىن 2020-يىلى 4-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان.

  2020-يىلى 4-ئايدىن 2020-يىلى 5-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، (مىنىستىر دەرىجىلىك).

  2020-يىلى 5-ئايدىن 2020-يىلى 9-ئايغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان، (مىنىستىر دەرىجىلىك).

  2020-يىلى 9-ئايدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان، (مىنىستىر دەرىجىلىك).

  19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ