مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەيلى ۋە راۋاجلاندۇرايلى

--باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2021.10.19 15:00 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىيسى قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان توغرا يول. مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ، جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى تەكىتلىدى.

  خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىزمنىڭ جېنى، پارتىيەمىز باشتىن-ئاخىر ئېگىز كۆتۈرگەن بايراق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كېلىشى بىلەنلا جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ بېكىتىپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي ئىزدەندى ۋە كۈرەش قىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن توغرا يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ سىياسىيغا تەرتىپلىك قاتنىشىشىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ مەزمۇنى كەڭ، قاتلىمى مول بولغان ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇشتا خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ ئىجادكارلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئىشچى-دېھقانلار ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلغان خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىلىقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويىدىغان ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىش ۋە سىياسىي جەھەتتە كېڭىشىش تۈزۈمى، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى، ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمى قاتارلىق ئاساسىي سىياسىي تۈزۈملەرنى يولغا قويۇپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك، كەڭ، ئورگانىك جىپسىلاشقان خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كۆپ خىل، راۋان، تەرتىپلىك دېموكراتىيە يولىنى بەرپا قىلدى. ئومۇمىي خەلق قانۇن بويىچە دېموكراتىك سايلام ئۆتكۈزۈش، دېموكراتىك كېڭىشىش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك باشقۇرۇش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشنى يولغا قويدى؛ تۈرلۈك يول ۋە شەكىللەر ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئىشلىرىنى، ئىجتىمائىي ئىشلارنى قانۇن بويىچە باشقۇردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي تۈزۈمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى خەلقنىڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق بەھرىمەن بولۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلالايدۇ؛ خەلقنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ؛ دۆلەتنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتىنى ئۈنۈملۈك تەڭشەپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا جەزمەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ تۈپ كاپالىتى، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيىتى ۋە يادروسى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ئۇسۇلى، بۇ ئۈچى دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە بىرلىككە كەلگەن. دەل پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزنىڭ دېموكراتىيە تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، دېموكراتىيە شەكلى ئۈزلۈكسىز بېيىپ، دېموكراتىيە يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كونكرېت، رېئال ھالدا پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسەت-تەدبىرلىرىدە ئىپادىلەندى؛ كونكرېت، رېئال ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپ، ھەرقايسى قاتلام-دەرىجە خىزمەتلىرىدە ئىپادىلەندى؛ كونكرېت، رېئال ھالدا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمىتىدە ئىپادىلەندى. پۈتۈن جەرياندىكى خەلق دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە مۇقەررەر يولى. دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا خەلق دېموكراتىيەسى مۇكەممەل تۈزۈم تەرتىپىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئەمەلىيەتكە تولۇق قاتنىشىپ، جەريان دېموكراتىيەسى بىلەن نەتىجە دېموكراتىيەسى، تەرتىپ دېموكراتىيەسى بىلەن ماھىيەتلىك دېموكراتىيە، بىۋاسىتە دېموكراتىيە بىلەن ۋاسىتىلىك دېموكراتىيە، خەلق دېموكراتىيەسى بىلەن دۆلەت ئىرادىسىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇ تولۇق زەنجىرلىك، ھەر تەرەپلىمىلىك، تولۇق قاپلىغان دېموكراتىيە، ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە. خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار زور سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلارنى بىرتۇتاش، ئۈنۈملۈك تەشكىللىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەم ھاياتىي كۈچكە تولۇشى، ھەم تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلدى.

  بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جانلىق، جۇشقۇن، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان سىياسىي ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ