مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بېيجىڭ ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى: بۇ ھەرىكەت بەلگىلىك خەۋپ-خەتەرگە ئىگە، ئويلىشىپ تاللاش كېرەك!

2021.10.19 11:46 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قىياغا يامىشىش كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، تېخىمۇ كۆپ ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قىياغا يامىشىش دەرسىگە تىزىملاتتى. 18-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى كەڭ ئىستېمالچىلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى: قىياغا يامىشىش پائالىيىتىنى ئالدىنئويلىشىپ تاللاپ، بىخەتەر ئىستېمال ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  قىياغا يامىشىش تەبىئىي ياكى سۈنئىي ياسالغان قىياغا يامىشىشنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانبۇ تەنھەرىكەت تۈرى كەڭ ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. 2016-يىلى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قىياغا يامىشىشنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزگەن، 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە بۇ تۈر تۇنجى قېتىم نامايان قىلىنىپ، قىياغا يامىشىش تۈرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تەشكىللىگەن قىياغا يامىشىش قاتارلىق تۈر كۇرسلىرىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قىياغا يامىشىش ھەرىكىتى كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئېگىزلىك ۋە ئوخشاش بولمىغان نۇقتىلاردىكى قىيا تاشلاردا، ئارقىغا بۇرۇلۇش، يۇقىرى ئۆرلەش، يۆتكىلىش، ھەتتا سەكرەش قاتارلىق خەتەرلىك ھەرىكەتلەرنى ئۇدا تاماملىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، بەلگىلىك خەۋپ-خەتەرگە ئىگە.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستىمالچىلار جەمئىيىتى ئىستىمالچىلارنىڭ مۇنتىزىم قىياغا يامىشىش سورۇنىنى تاللىشىنى ئەسكەرتتى. قىياغا يامىشىش سورۇنلىرىنىڭ تىجارەت سالاھىيىتى، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ۋە ئالاقىدار بىخەتەرلىك تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ، مۇنتىزىم سالاھىيىتى بولمىغان ياكى بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى بولغان قىياغا يامىشىش سورۇنلىرىنى تاللىماسلىق؛ مۇناسىۋەتلىك چۈشەندۈرۈشلەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىش كېرەك. قىياغا يامىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن، مۇناسىۋەتلىك مەشغۇلات ۋە بىخەتەرلىك كۆرسەتمىلىرىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ، يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇش كېرەك. بەدەن ساپاسى، يېشى قاتارلىقلار تۈر تەلىپىگە ماس كەلمىسە ياكى باشقۇرغۇچىلار قاتناشسىڭىز بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتسە، قىياغا يامىشىش پائالىيىتىگە قاتناشماسلىقى، شۇنداقلا مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىشى كېرەك. قىياغا يامىشىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىش، خىزمەتچىلەرنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇش، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىق كېرەك.

  بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىخەتەر ئىستېمال ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. چۈنكى قىياغا يامىشىشنىڭ بەلگىلىك خەۋپ-خەتىرى بولۇپ، ئىستېمالچىلار قىياغا يامىشىش پائالىيىتىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىشىپ ئاندىن تاللىشى، بىخەتەر ئىستېمال ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەگەر ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىسا، ۋاقتىدا دەلىل-ئىسپات توپلاپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قانۇن بويىچە قوغداش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ