مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇتيەن جىنايى ئىشلار دېلوسىدىكى جىنايەت گۇماندارى تاغ ئۆڭكۈرىدە قارشىلىق كۆرسەتتى ھەمدە جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى

2021.10.19 11:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پۇتيەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شيۇيۈ شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، 10-ئۆكتەبىر سائەت 13 تىن 51 مىنۇت ئۆتكەندە، شيۇيۈ رايونى پىڭخەي بازىرى شاڭلىن كەنتىدە قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسى يۈز بەرگەن. 10-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت15لەردە، جىنايەت گۇماندارىئوۋxجۇڭپىڭخەي بازىرى شاڭلىن كەنتى ئەتراپىدىكى بىر تاغ ئۆڭكۈرىدە قولغا ئېلىشقا قارشىلىق كۆرسەتكەن ھەمدە جىنايىتىدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىنمۇ قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىگەن.

  دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى ئوۋ x جۇڭ (ئەر، 55 ياش، پىڭخەي بازىرى شاڭلىن كەنتىدىن) ئۆي سېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر ماجىراسى تۈپەيلىدىن، پىچاق كۆتۈرۈپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئوۋ xجيۇ قاتارلىق كىشىلەرگە قەستەن زىيانكەشلىك قىلغان، ئوۋ xجيۇ (ئەر، 78 ياش) ۋەئوۋ xيىڭ (ئايال، 55 ياش، ئوۋ xجيۇنىڭ كېلىنى) ئىككىسى نەق مەيداندا ئۆلگەن. لىنxمېي (ئايال، 83 ياش، ئوۋ xجيۇنىڭ ئايالى)، ئوۋ xچۈن (ئەر، 34 ياش، ئوۋ xجيۇنىڭ نەۋرىسى، ئوۋ xيىڭنىڭئوغلى)، ئوۋxشۈەن(ئوغۇل، توققۇز ياش، ئوۋ xجيۇنىڭ ئەۋرىسى، ئوۋ xچۈننىڭ ئوغلى) قاتارلىق ئۈچ كىشى يارىلانغان، يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھەممىسى پىڭخەي بازىرى شاڭلىن كەنتىدىن. يارىدارلار ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلۇپ، ھاياتى خەۋپكە ئۇچرىمىدى. نۆۋەتتە، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ