مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىشىدا فۇمىئو ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر-چىراغ بۇيۇمى تەقدىم قىلدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: بۇ ئىشتا كەسكىن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىمىز!

2021.10.19 11:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 18-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. جاۋ لىجيەن ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو ۋە بىر قىسىم ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ يېقىندا ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا نەزىر-چىراغ بۇيۇمى تەقدىم قىلغانلىقىغا قارىتا مۇنداق دېدى: ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ياپونىيە مىللىتارىزمىنىڭ سىرتقا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىشىدىكى مەنىۋى قورال ۋە سىمۋول بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى Aدەرىجىلىك 14 چېكىدىن ئاشقان جىنايەتچىگە ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. ياپونىيە تەرەپنىڭ ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى مەسىلىسىدىكى پاسسىپ ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا تۇتقان خاتا پوزىتسىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئەكس ئەتتۈردى.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق ياپونىيە بىلەن كەسكىن سۆزلىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ياپونىيە تەرەپ تاجاۋۇزچىلىق تارىخىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ۋەدىسىئۈستىدە ئويلىنىپ، بۇنىڭغا توغرا قارىشى ۋە ھەقىقىي ئەمەل قىلىشى كېرەك، ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى قاتارلىق تارىخىي مەسىلىلەردىكى سۆز-ھەرىكىتىدە ئېھتىياتچان بولۇپ، مىلىتارىزملىقتىن ئۈزۈل-كېسىل قول ئۈزۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ