مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز تېلېگراف ئالدامچىلىقى مەسىلىسى توغرىسىدا مەخسۇس قانۇن چىقىرىدۇ

2021.10.19 11:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ دەسلەپكى لايىھەسى 19-ئۆكتەبىر ئېچىلىدىغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا تۇنجى قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىكەن. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى زاڭ تيېۋېي مۇنداق دېدى: تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى نۆۋەتتە دېلو يۈز بېرىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، زىيىنى ئەڭ چوڭ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك جىنايەت بولۇپ قالدى. بۇ قېتىم قاراپ چىقىشقا سۇنۇلىدىغان لايىھەدە تېلېفون كارتىسى، ئەشيا تور كارتىسى، پۇل مۇئامىلە ئىسچوتى، ئالاقە تورى ھېسابات نومۇرىغا ئالاقىدار ئاساسىي باشقۇرۇش تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش تېخنىكا تەدبىرى ئورنىتىلىپ، كەسىپ ھالقىغان، كارخانىلار ھالقىغان بىر تۇتاش كۆزىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئالغا سىلجىتىلىپ، جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ