مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياشانغانلار ئەتراپىدىكى بۇ قىلتاقلاردىن ھوشيار بولۇشى كېرەك

2021.10.18 21:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ياشانغانلارغا قارىتا ئىستېمال ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: دورا سېتىۋېلىشتا مۇنتىزىم يولنى تاللاش، ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدە كۆك قالپاقنى توغرا تاللاش كېرەك؛ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، تۆۋەن باھالىق ساياھەت قىلتىقىدىن ئېھتىيات قىلىش، مەبلەغ سېلىش مالىيە باشقۇرۇش قىلتىقىدىن ھوشيار بولۇش لازىم؛ قانۇنسىز يىغىن شەكلىدىكى سېتىقچىلىقتىن يىراق تۇرۇپ، تۈرلۈك تېلېگراف ئالدامچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم؛ ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن تولۇق چۈشىنىپ، تالاش-تارتىشقا يولۇققاندا ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى ياشانغانلارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان يېمەكلىك ۋە «خىسلەتلىك دوختۇر»، «خىسلەتلىك دورا» قاتارلىق ساختا ئېلانلاردىن ھوشيار بولۇشىنى ئەسكەرتتى. يېمەكلىك دورا ئەمەس، كېسەل داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئەمەس. كېسەللىكنى داۋالىغىلى بولىدۇ دەپ ئېلان قىلىنغان «يېمەكلىك»لەرگە نىسبەتەن يا ساختا تەشۋىقات، يا بولمىسا قانۇنسىز دورا قوشقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل «يېمەكلىك»لەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىش ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدۇ. ھەر بىر خىل ساغلاملىق يېمەكلىكىنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى ياكى ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر توپى بولىدۇ، ياشانغان ئىستېمالچىلار ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىنى چۈشىنىشى، ساغلاملىق يېمەكلىكىنى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ، دوختۇرنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلىشى كېرەك. ئاندىن ساغلاملىق يېمەكلىكىدە ئېيتىلغان ئىقتىدارى، مۇۋاپىق كېلىدىغان كىشىلەر توپى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنى تاللىشى لازىم.

  تۆۋەن باھالىق ساياھەتتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك، بەزى قارانىيەت ساياھەت كوپىراتىپلىرى «كوللېكتىپ سېتىۋېلىش باھاسى»، «ئۆمەك ھەققى ئالماسلىق»، «ھەقسىز ساياھەت قىلىش»، «ساياھەت تولۇقلىمىسى بېرىش» قاتارلىق ناملار بىلەن بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىدۇ، لېكىن تىجارەت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن مۇساپە لىنىيەسى، قاتناش قورالى، يېمەك-ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق جەھەتلەردە زور دەرىجىدە ئۆلچەمنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن ھەمدە سەپەر جەريانىدا تۈرلۈك مال سېتىۋېلىش ھالقىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشى ياكى توختام ئىمزالىغاندا ئەڭ قالتىس، ھەق تۆلەيدىغان مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۆۋەن باھالىق ئۆمەك ھەققىدىن چىقىرىۋېتىپ، باشقا شەكلى ئۆزگەرگەن باھا قوشۇشى مۇمكىن. بۇ قىلمىشلار ياشانغان ئىستېمالچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، ئاسانلا ئىستېمال ماجىراسى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ساياھەت كوپىراتىپلىرىنىڭ توختامىدا ياشانغانلاردىن ياشانغانلار «قوشۇمچە ھەققى»، يۇقىرى سوممىلىق كاپالەت پۇلى ئېلىش قاتارلىق روشەن نامۇۋاپىق جايلار بارلىقىنى بايقىسا، چوقۇم مۇددەتتىن بۇرۇن ساياھەت كوپىراتىپلىرى بىلەن كېڭىشىپ ھەل قىلىشى، ھەرگىز قارىغۇلارچە توختام ئىمزالىماسلىقى كېرەك.

  جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى كەڭ ياشانغانلارغا ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى چوقۇم مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتكە ئالاقىدار بىلىملەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، كۆڭلىدە سان بولغاندىن كېيىن ئاندىن سېتىۋېلىشنى، يېنىكلىك قىلماسلىقنى، شامالغا ئەگەشمەسلىكنى، قارىغۇلارچە قىلماسلىقنى، ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىقنى ئەسكەرتتى. ئىستېمال جەريانىدا يەنە تالون، ھۆججەت قاتارلىق ئىستېمال دوكۇمېنتلىرىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ