خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ليۇ باۋخۇانىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىققان.
چىڭداۋ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2000-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جاۋابكار ليۇ باۋخۇا دۆلەت ئىقتىساد-سودا كومىتېتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە مەھكىمىسى ئىقتىسادىي تىجارەت باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ياردەمچى كۆزەتكۈچى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇدىرى، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىقلار ياكى ئۇنىڭ خىزمەت ھوقۇقى، ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە كارخانا تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىش، شىركەت تىجارىتى، تۈر ھۆددىگە ئېلىش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق جەھەتلەردە مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ قانۇنسىز پۇل-مال قوبۇل قىلغان، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 70 مىليون 730 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، شۇڭا پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىلتىماسى سۇنۇلدى.
سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى مۇناسىۋەتلىك دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار ليۇ باۋخۇا ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى دەلىل-ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مۇنازىرىلىشىش پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى، ليۇ باۋخۇا ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، توۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سوتتا قاراپ چىقىشنىڭ ئاخىرىدا، سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلىدىغانلىقىنى، ۋاقىت تاللاپ ھۆكۈم ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇخبىرلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسى بولۇپ 20 دىن ئارتۇق كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ