مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەڭ تۆۋەن مائاشنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ

2021.10.18 20:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەڭ تۆۋەن مائاش يەنە ئۆستى. نۆۋەتتە، ئون نەچچە ئۆلكە ئارقا-ئارقىدىن ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ئۆستۈردى، يەنە نۇرغۇن ئۆلكە بۇ يىل ئىچىدە ئۆلچەمنى تەڭشەش خىزمىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ ئۆسكەنلىك خەۋىرىدە يېڭىلىق قالمىغاندەك قىلىدۇ. 2015-يىلى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى ھەر ئىككى يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئاز دېگەندە بىر قېتىم تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى. شۇڭا، بىز دائىم ئەڭ تۆۋەن مائاشنى تەڭشەش خەۋىرىنى كۆرەلەيمىز.

  ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى نۇرغۇن تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىغا، بولۇپمۇ جىسمانىي ئەمگەكچىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ئۇنىڭ ھەربىر ئۆسۈشى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەڭ تۆۋەن مائاشنىڭ ئۆسۈشى ھەرقانداق ۋاقىتتا مۇھىم خەلق تۇرمۇشى ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپ، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ.

  ئەمەلىيەتتە، ئەڭ تۆۋەن مائاش پەقەت مائاش سوممىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى بىر «ئىجتىمائىي كۆرسەتكۈچ»تۇر. بەزى ئىجتىمائىي كاپالەت تەمىناتى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىدە ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى پايدىلانما قىلىنىدۇ، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلسە، ئىجتىمائىي كاپالەت ھوقۇق-مەنپەئەتىمۇ مۇناسىپ ئۆسىدۇ، بۇ، ئەمگەكچىلەرنى ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشتۈرۈشكە پايدىلىق.

  ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئىجتىمائىي ئاساسىي تېما ئارقا كۆرۈنۈشىدە شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشىگەندە، تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى بىۋاسىتە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ، بۇ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئەلۋەتتە، بۇ تەدبىر كارخانىنىڭ ئادەم ئىشلىتىش تەننەرخىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنى تەڭشەش ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا بەلگىلىك قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن شۇنى كۆرۈش كېرەككى، سىياسەت ئارقىلىق يۆلەش كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشىگە بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىپ، ئەڭ تۆۋەن مائاشنى ئۆستۈرۈشكە شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ چاغدا، كەڭ كارخانىلارمۇ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ