مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نازارەتنى قوبۇل قىلىشتا بىلەرمەنلىك قىلىشقا بولمايدۇ

2021.10.18 20:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، «جۇڭگو ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە گېزىتى» نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق سابىق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جيەننىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش دېلوسى تەھلىلىنى ئېلان قىلدى. دېلودا، ئىلگىرى شېنخۇا نىڭشيا كۆمۈرچىلىك گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاڭ جيەن ئاپتونوم رايون ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك شېنخۇا گۇرۇھى شىركىتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىدا ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلاپ، ئەكسىچە ئۇستىلىق قىلىمەن دەپ چاندۇرۇپ قويۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلدى.

  ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: «نىڭشيا كۆمۈرچىلىكىنى ئاپتونوم رايون ۋە شېنخۇا باشقۇرسىمۇ، لېكىن باشقۇرۇش بىر قەدەر بوشاڭ، مەن ئاپتونوم رايونغا خىزمەت دوكلاتى بەرگەندە، نۆۋەتتىكى تۈرلەرنىڭ تەرەققىياتى، خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى سۆزلىدىم؛ شېنخۇادا خىزمەتلەرنى دوكلات قىلغاندا، ئاپتونوم رايون بىزنىڭ خىزمىتىمىزنى قوللىدى، دېدىم ھەم ئاپتونوم رايوننىڭ بىزنى قاتتىق باشقۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدىم. ئەمەلىيەتتە ئىككى تەرەپ مېنى ئانچە باشقۇرۇپ كەتمەيتتى، مەن پۇرسەتتىن پايدىلاندىم.» نۇرغۇن نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تەرەپ ئالدىدا، ۋاڭ جيەن قۇۋلۇق قىلىپ، خىزمەتلەرنى تاللاپ دوكلات قىلىپ، بىر تەرەپكە يەنە بىر تەرەپنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنىڭ قاتتىق ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۆز ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش، چەكلەشنى ئازايتىشقا ئۇرۇنغان. شۇنداق قىلىپ، قارىماققا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىچىك مەسىلىلەرنى يوشۇرغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈزلۈكسىز جۇغلىنىش جەريانىدا چوڭ مەسىلىگە ئايلانغان. ۋاڭ جيەن نازارەت قىلىشتىن قورقۇپ، نازارەت قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، تەدرىجىي ھالدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھوقۇق يۈرگۈزۈپ، ھاكىممۇتلەقلىق قىلىپ ھوقۇق يۈرگۈزۈشكە تەرەققىي قىلىپ، قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ھاڭىغا كىرىپ كەتكەن.

  نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن مۇشۇنداق ئۆزىنى قاچۇرۇش ماھىيەتتە پارتىيە تەشكىلاتىغا سادىق بولمىغانلىق، سەمىمىي بولمىغانلىقتۇر. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پارتىيەگە كىرىشتە پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن پارتىيەگە سادىق بولۇش، سەمىمىي بولۇش مەجبۇرىيىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىدە «پارتىيەگە سادىق بولۇش»تەك تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشى كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇرىدۇ، پارتىيە ئەزالىرى مەيلى قايسى ساھەدە، قايسى جايدا خىزمەت قىلسۇن پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، تەشكىلنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پارتىيەگە سادىق سەمىمىي ئادەم بولۇشى كېرەك. شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىش كېرەككى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى چەكلەش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى پارتىيەلىك كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراشتۇر؛ خىزمەتكە توسقۇنلۇق قىلىش ئەمەس، بەلكى ھوقۇقنى توغرا يولدا يۈرگۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتۇر. تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان نۇرغۇن پارتىيەلىك كادىرلار نازارەتنى بالدۇر قوبۇل قىلمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. نازارەتچىلىككە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، تەشكىل بىلەن كۆپرەك سىردىشىپ، ئۆزىنىڭ ئىدىيەسى، خىزمەت ئەھۋالىنى ئەينەن دوكلات قىلغاندىلا، بىخ خاراكتېرلىك، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى بىخ ھالىتىدە يوقاتقىلى، باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئۇنتۇماي، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ