مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك

___ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ روھى شەجەرىسى توغرىسىدا (24)

2021.10.18 20:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئۇلۇغ ئىشلار ئۇلۇغ روھنى يېتىلدۈرىدۇ، ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ ئىشلارنى يېتەكلەيدۇ. «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۇلۇغ كۈرىشى ‹يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇش، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىش، دەل جايىدا ئەمەلىيەتچىل بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىق›تەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى تاۋلاپ شەكىللەندۈردى.»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەت نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەرلەرنى قەتئىي يېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك!»

  نامراتلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى جاھىل كېسەل. نامراتلىققا قارشى تۇرۇش باشتىن-ئاخىر قەدىمدىن ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەت ئەلنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشىدىكى چوڭ ئىشى. جۇڭگو تارىخى — جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلىش تارىخى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆزىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق كۈرەش قىلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ تۆۋەن چەك ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى مىسلىسىز، سالمىقى ئەڭ زور، نوپۇسقا ئەڭ كۆپ نەپ يەتكۈزىدىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى. پارتىيە ۋە خەلق جاپا-مۇشەققەتلەرنى يېڭىپ، بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ، مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئارقا-ئارقىدىن نامراتلار ئارىسىدىكى نامراتلار، قىيىن ئۆتكەللەر ئىچىدىكى مۇستەھكەم قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە قېتىم مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، 50 نەچچە قېتىم نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، تۇتاش كەتكەن 14 ئالاھىدە نامرات رايوننى ئايلىنىپ، ھەقىقىي نامراتلارنى كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، نامرات ئامما بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، ئىنچىكە ھېسابلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى. 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە خۇلاسىلەش-تەقدىرلەش يىغىنىدا تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش مۇھىم پەيتىدە، دۆلىتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قولغا كەلتۈرۈلدى، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۆلچەم بويىچە 98 مىليون 990 مىڭ يېزا نامرات ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 832 نامرات ناھىيەنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى، 128 مىڭ نامرات كەنتنىڭ ھەممىسى قاتاردىن چىقتى، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ھەل قىلىنىپ، مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپە تاماملىنىپ، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا تارىخ سەھىپىسىدە چاقنايدىغان مۆجىزە يارىتىلدى! بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ شەرىپى!

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككۈدەك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشتەك مەنىۋى پەزىلىتىگە، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان توپلانغان پۇختا ماددىي ئاساسقا، كەينى-كەينىدىن ئىشلەپ چىڭ تۇرۇشقا، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تاياندۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىدە بىز مەۋقەنى دۆلىتىمىزنىڭ ئەھۋالىغا قويۇپ، نامراتلارنى ئازايتىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە نامراتلارنى ئازايتىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، جۇڭگوچە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈردۇق؛ پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچلۈك سىياسىي ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق بېيىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدۇق؛ دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئورتاق ئىرادە، ئورتاق ھەرىكەت شەكىللەندۈردۇق؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات چارىسى ئارقىلىق نامراتلىق مەنبەسىنى تۈگەتتۇق؛ كەڭ نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشتا چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاتتۇق؛ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان گۈزەل ئەخلاقنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان قويۇق كەيپىيات ياراتتۇق؛ راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىپ، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇردۇق؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىدە پارتىيەنىڭ داھىيسىدىن تارتىپ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى-كادىرلارغىچە نامرات ئاممىغا رىشتە باغلاپ، نامراتلارنى ئازايتىش ئۇلۇغ ئىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر، ھەرقايسى سەپلەر ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، «يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىش»تەك ئىتتىپاقلىق ئۇلۇغ كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدۇق؛ توغرا پەرقلەندۈرۈش، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىشتىن رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، قوشۇننى كۈچەيتىشكىچە، پەرقلەندۈرۈپ تۈرگە ئايرىش، نىشانلىق تەدبىر قوللىنىشتىن ئۆلچەمنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك چېكىنىپ چىقىشقىچە، يەنە ئىز قوغلاپ كۆزىتىش، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقىچە، كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش، قانداق چېكىندۈرۈش، قانداق مۇقىملاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ بىر يۈرۈش سىياسەت بىرىكمە مۇشتىنى ئېتىپ، «دەل، ئەمەلىي بولۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش»تىكى ئىدارە قىلىش ئەقىل-پاراسىتى مەركەزلىك نامايان قىلىندى؛ كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىسسىق قېنى بىلەن بۇرچىنى ئادا قىلىپ، ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەدىسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى ۋە خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى بىرىنچى سەپتە يىلتىز تارتىپ، جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلىدى، كەڭ پىدائىيلار ھەقىقىي ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن تۆھپە قوشتى، 1800 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، كادىر نامراتلىقنى ئازايتىش ئىشلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلىپ، «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلقنى نائۈمىدتە قويماسلىق»تەك قىممەت ئىستىكىنى شەرھلەپ بەردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىرادىسى، پەزىلىتى، جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ جانلىق كارتىنىسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزم، سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو قىممىتى، جۇڭگو كۈچىنىڭ تولۇق نامايان قىلىنىشى بولۇپ، ئۇلۇغ مىللىي روھ ۋە دەۋر روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.

  بارلىق ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر داۋاملىق كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش داۋامىدا ئالغا سىلجىتىشقا موھتاج. بىز بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، كۆك نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلدۇق، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، پۇقرالارنى تېخىمۇ باياشات، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بۇرچ تېخىمۇ شەرەپلىك، ۋەزىپە تېخىمۇ مۈشكۈل، خىرىس تېخىمۇ كەسكىن، خىزمەت تېخىمۇ ئۇلۇغ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، شەھەر، يېزا، رايونلارنىڭ تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ۋەزىپە يەنىلا ئېغىر، يول يىراق. ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز، نەتىجە-ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشىمىز؛ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئېلىپ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى تەلەپلەرنى چۆرىدەپ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز؛ پۈتكۈل خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئەستايىدىل بولۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، بۇ نىشانغا قاراپ تېخىمۇ ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشىمىز، تېخىمۇ كاپالەتلەندۈرۈشىمىز، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلىشىمىز كېرەك.

  سوتسىيالىزم ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن، يېڭى دەۋر كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنى نەچچە مىڭ يىل قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئۇلۇغ تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتۇق. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، بىز ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش تارىخىي ئۇلۇغۋار ئارزۇسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. ئۇزۇن سەپەردە، پەقەت كۈرەش قىلىش بار. ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشەنچ، ئىرادىنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت، توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتى بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلەيلى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ