مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى: ھەر ۋاقىت جەڭگە تەييارمىز، ھەر ۋاقىت جەڭگە كىرەلەيمىز!

2021.10.18 14:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى تەن كېفېي ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەيۋەنگە چېتىشلىق پاسسىپ سۆزلىرى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى، تولۇق تېكىست تۆۋەندىكىچە:

  سوئال: خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى يېقىندا مۇنداق دېگەن: جۇڭگو (چوڭ قۇرۇقلۇق) تەيۋەن ۋەئۇنىڭ باشقا ئىتتىپاقداشلىرى ھەم ھەمراھلىرىغا «پوپوزا» قىلىش ۋە بېسىم ئىشلىتىشنى كۈچەيتتى، تەيۋەن بوغۇزى قاتارلىق رايونلاردىكى ھەربىي پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى ھەمدە خاتا ھۆكۈم خەۋپىنى ئاشۇردى. ئامېرىكا تەرەپ يەنەئامېرىكا ئۇزاق مۇددەت «بىر جۇڭگو سىياسىتى» گە ئەمەل قىلىپ كەلدى، لېكىن بۇ جۇڭگو (چوڭ قۇرۇقلۇق) نىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا ئوخشىمايدۇ، بىز تەيۋەننىڭ يېتەرلىك مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ساقلىشىغا داۋاملىق ياردەملىشىمىز، دېدى. بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  جاۋاب: ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيەسى ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ، ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋەتتى، جۇڭگو بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى ۋە بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت. بۇ خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان ئاساسىي پاكىت. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى، شۇنداقلا جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى.

  تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، ھەرقانداق تاشقى كۈچنىڭ ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئامېرىكا «تەيۋەن ئارقىلىق جۇڭگونى چەكلەش» ئىستراتېگىيەسىنى جاھىللىق بىلەن قوللىنىپ كەلدى، تەيۋەنگە چېتىشلىق مەسىلىلەردە پاسسىپ سۆز-ھەرىكەتلىرى ئۈزۈلمىدى، ئامېرىكا تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان بېرىش-كېلىشنى كۆپەيتىپ، تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي ئىشلار ئالاقىسىنى كۈچەيتتى، تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىش پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا ھەربىي پاراخوتلىرى كۆپ قېتىم تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى، ھەربىي ئايروپىلانلىرى تەيۋەن ئارىلىغا قوندى. ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز ئامېرىكىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، خاتالىقنى دەرھال تۈزىتىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى ئامېرىكا-تەيۋەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بېرىش-كېلىشى ۋە ھەربىي ئالاقىسىنى توختىتىپ، تەيۋەن مەسىلىسىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە مەدەت بېرىشنى توختىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئارمىيەلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا دەۋەت قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ