مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جياڭسۇدىكى ئايال ياردەمچى ساقچىنىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسىغا ئىككىنچى سوتتا ھۆكۈم ئۆزگەرتىلدى

2021.10.18 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ئۆكتەبىر، جياڭسۇ ئۆلكىسى ليەنيۈنگاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى شۈ يەننىڭ قاقتى-سوقتى قىلىش دېلوسىغا ئىككىنچى سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلدى، شۈ يەنگە قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى ھەمدە 300 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، ئۇنىڭ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى.

  جياڭسۇ ئۆلكىسى گۈەننەن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى گۈەننەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەسلى سوتتىكى جاۋابكار شۈ يەننى قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەش دېلوسىغا قاراپ چىقىپ، 2020-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىپ، شۈ يەننىڭ سۈنxx ، ليۇxx ، جۇ xx قاتارلىق توققۇز كىشىنىڭقىممىتى 3 مىليون 726 مىڭ يۈەنگە تەڭ مال-مۈلكىنى قاقتى-سوقتى قىلغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتى بىلەن مۇددەتلىك 13 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىپ، 5 مىليون يۈەن جەرىمانە قويدى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكار شۈ يەن نارازىلىق ئەرزى سۇندى. ليەنيۈنگاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى شەخسىي سىر مۇناسىۋىتى بىلەن،بۇ دېلونى 2021-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى قانۇن بويىچە يېپىق سوتتا قاراپ چىقتى، ليەنيۈنگاڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەۋەتكەن تەپتىش ئەمەلدارى سوتتا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلدى، شۈ يەن ۋە ئاقلىغۇچى سوتقا كېلىپ دەۋاغا قاتناشتى، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى تەرەپ ئۆز پىكرىنى تولۇق بايان قىلدى.

  ئىككىنچى سوتنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 2014-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 2017-يىلى 11-ئايغىچە، نارازىلىق ئەرزى بەرگۈچى شۈ يەن تېلېفون، ئۈندىدار ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتى ئارقىلىق، جۇxx قاتارلىق يەتتە نەپە توي قىلىپ بولغان ھۆكۈمەت خادىمى بىلەن تونۇشۇپ، قارشى تەرەپ بىلەن بىنورمال جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن، كېيىن ھامىلىدار بولۇپ قېلىپ بويىمدىن ئاجراپ كەتتى دەپ يالغان ئېيتقان، ئائىلىسىدىكىلەر ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن قارشى تەرەپنى ئىزدەپجېدەل قىلغان،ھەتتاقارشى تەرەپنىڭخىزمەت ئورنىغا ھەم ئايالى ۋە بالىسىنىڭ مەكتىپىگە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىغان، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا پاش قىلىپ، يۇقىرىقى كىشىلەردىن جەمئىي بىر مىليون 446 مىڭ يۈەن تەلەپ قىلغان. شۈ يەن بۇ پۇللارنى ئۆي-مۈلۈك، ئاپتوموبىل، ئالىي دەرىجىلىك گىرىم بۇيۇملىرى، ئۈنچە-مەرۋايىت، زىبۇ-زىننەت ۋە باشقا ئىستېمال بويۇملىرىغا ئىشلەتكەن.

  ئىككىنچى سوتنىڭ قارىشىچە، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى شۈ يەن قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىش مەقسىتىدە، تەھدىت سېلىش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە ئادەمدىن جەمئىي 1 مىليون 446 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى تەلەپ قىلغان، سوممىسى پەۋقۇلئاددە زور بولۇپ،قىلمىشى قاقتى-سوقتى قىلىش جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن. شۈ يەن جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، ئاساسلىق جىنايەت پاكىتىنى ئەينەن تاپشۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوتتا جىنايىتىنى تونۇغان ۋە پۇشايمان قىلغان، قانۇن بويىچە يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلسە بولىدۇ. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى شۇ دېلونىڭ يۈز بېرىشىدە مەلۇم سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن بولسا، شۈ يەننى ئەھۋالغا قاراپ كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. ئەسلىي سوتنىڭ ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن جىنايەت توغرا بولۇپ،شۈ يەننىڭ سۈن فامىلىلىك ۋە ليۇ فامىلىلىكنىڭ مال-مۈلكىنى قاقتى-سوقتى قىلىش پاكىتى ئېنىق بولماسلىق، دەلىل-ئىسپاتى تولۇق بولماسلىق سەۋەبىدىن، 2-سوتتا قانۇن بويىچە جازا بېكىتمىگەن؛ ئەسلىي سوتتا شۈ يەننىڭ ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىدا خاتالىق بارلىقى بېكىتىلمىگەن بولۇپ، 2-سوتتا بۇ مەسىلىلەر قانۇن بويىچە تۈزىتىلدى. يىغىپ ئېيتقاندا، شۈ يەننىڭ جىنايەت پاكىتى، خاراكتېرى، قىلمىشى ۋە جەمئىيەتكە زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە قاراپ، قانۇن بويىچە يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىپ، يۇقىرىقى ئۆزگەرتىلگەن ھۆكۈم بويىچە جازا ئىجرا قىلىنىدۇ.

  قىسمەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ۋە قىسمەن ئامما بۇ دېلو ھۆكۈمىنىنەق مەيداندا ئاڭلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ