مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شېنياڭ 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان بانكا كارتىسى ئېلىپ-سېتىش دېلوسىغا چېتىشلىق جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى

2021.10.18 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:چېگرا ھالقىپ بانكا كارتىسى سېتىش ___ تېلېگراف ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش ۋە پۇل يۇيۇش (قانۇنسىز كىرىمنى قانۇنلاشتۇرۇش) قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ مەنبەسى. يېقىندا، شېنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلوغا چېتىشلىق 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغان، چېگرا ھالقىپ بانكا كارتىسى ئېلىپ-ساتىدىغان جىنايەت شايكىسىنى بىتچىت قىلدى، بۇ شايكىدىكى بەش ئەزانىڭ ھەممىسى تورغا چۈشتى.

  2021 -يىلى 8-ئايدا، شېنياڭ ساقچىلىرى 41 ياشلىق لۈ xx(ئەر) نىڭ بانكا كارتىسى ئېلىپ-ساتقانلىقى خەۋىرىنى ئىگىلىگەن. خەلق ساقچىلىرى لۈ xxنىڭ نامىدىكى بىر نەچچە بانكا كارتىسىنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە تېخىمۇ چوڭ جىنايەت شايكىسىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭغا ئاساسەن، شېنياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى شېنخې شۆبە ئىدارىسى مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، دېلونى پاش قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇردى ھەمدە ناھايىتى تېزلا بانكا كارتىسى ئېلىپ-ساتىدىغان قارا كەسىپ زەنجىرىنى تېپىپ چىقتى.

  2021-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە، ج خ ئورگانلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بۇ جىنايەت شايكىسىنىڭ ئەزالىرىدىن لۈ xx، ۋاڭ xx قاتارلىق بەش كىشىنى تۇتۇپ، 213 بانكا كارتىسى، يەتتە يان تېلېفون، دېلوغا چېتىشلىق 213 بانكا ھېسابات نومۇرىنى توڭلاتقان بولۇپ، دېلوغا چېتىشلىق مەبلەغنىڭ ئوبوروت سوممىسى 20 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

  ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈپئېنىقلىشىچە، بۇ ۋاڭ xx باشچىلىقىدىكى چېگرا ھالقىپ بانكا كارتىسى ئېلىپ-ساتىدىغان جىنايەت شايكىسى بولۇپ، ۋاڭ فامىلىلىك كۆپ ئادەم تەشكىللەپ بېيجىڭ شەھىرىگە بېرىپ بانكا كارتىسى بېجىرىپ، ئاندىن بانكا كارتىسى،U قالقان ۋە بانكا كارتىسىغا باغلانغان يانفون كارتىسى، سالاھىيەت ئۇچۇرىنىڭ ھەر بىر يۈرۈشىنى 3000 يۈەندىن سېتىۋالغان، ۋاڭ xx يەنە ھەر بىر يۈرۈشنى 10 مىڭ يۈەندىن چېگرا سىرتىغا ساتقان، بۇ چېگرا سىرتىدىكى جىنايەتچىلەرنىڭ تېلېگراف ئالدامچىلىقى، توردا قىمار ئويناش ۋە پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەردىكى جىنايەت سادىر قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قالغان.

  ھازىر ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە لۈ xx، ۋاڭ x، ۋاڭ xx، خۇاڭ xx، پەن xx قاتارلىق بەش جىنايەت گۇماندارىغا جىنايى ئىشلار جەھەتتىن مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ