مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكا ـ كانادا ھەربىي پاراخوتلىرى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتتى، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى!

شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئاخبارات باياناتچىسى ئامېرىكا-كانادا ھەربىي پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا سۆز قىلدى.

2021.10.18 13:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئاخبارات باياناتچىسى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشياۋى شى يىنىڭ ئېيتىشىچە، 10-ئاينىڭ 15-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ «دېۋېي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق قوغلىغۇچى پاراخوتى بىلەن كانادانىڭ «ۋىننىپېڭ» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ۋە ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرىي كۈچىنى پۈتۈن مۇساپىدە نازارەت قىلىش ۋە قاراۋۇللۇق قىلىشقا تەشكىللىگەن. ئامېرىكا بىلەن كانادا تىل بىرىكتۈرۈپ ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، ۋەزىيەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ جېدەل چىقارماقچى بولدى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خاراكتېرى قەبىھ بولۇپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى. تەيۋەن جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملار ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بارلىق تەھدىت ۋە ئىغۋاگەرچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ