مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك

2021.10.18 11:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى تارقىتىپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دەرسلىك قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «چارە» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىكتە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ماركسىزمنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، جۇڭگو ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇسلۇبىنى گەۋدىلەندۈرۈش، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپقا بولغان ئاساسىي تەلىپىنى گەۋدىلەندۈرۈش، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە دائىر بىلىملەرنى توپلاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  «چارە» گە ئاساسەن، مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىكلەر دۆلەت، يەرلىك ۋە مەكتەپلەر بويىچە دەرىجىگە ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىك قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى دەرسلىك ۋە باشقا پەنلەردىكى تەرجىمە دەرسلىكلىرىنى تەكشۈرۈشكە بىر تۇتاش تەشكىللەيدۇ. ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارمىقى ئۆز رايونىنىڭ مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىكلىرىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۆز رايونىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە مۇناسىپ خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، قاتتىق باشقۇرىدۇ؛ ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى دەرسلىك تۈزۈش ھەمدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە تەشكىللەيدۇ؛ دۆلەت دەرسلىكلىرىنى مىللىي يېزىققا تەرجىمە قىلىشنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ. مەكتەپلەر مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىكلەرنى ئىشلەتكەندە، دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ دەرسلىك باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىچكى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللىي يېزىقتىكى دەرسلىكلەرنى ياخشى ئىشلىتىشى كېرەك.

  «چارە» دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى دەرسلىكلەرنى تۈزۈش، تۈزىتىش ۋە تەرجىمە قىلىشتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، دەۋر روھىنى تولۇق نامايان قىلىپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، دەرسلىك تۈزۈشنىڭ سىستېمىلىقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تاللاپ ئىشلىتىش جەريانىدا، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى دەرسلىكنى تاللاپ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، دەرسلىكنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك باھالىشى ھەمدە نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ