مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى باشلايلى

__ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت سۆزى توغرىسىدا

2021.10.15 13:41 مەنبە: خەلق تورى

  «بىز خىرىسقا تولغان، شۇنداقلا ئۈمىدكە تولغان بىر دەۋردە تۇرۇۋاتىمىز. بىزنىڭ ئورتاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن بىز قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىمىز كېرەك. بوشاشماي تىرىشساقلا نىشانغا ھامان يېتەلەيمىز.» «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15-قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنىڭ رەھبەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆزلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك؛ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تۈرتكە قىلىپ، يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش كېرەك؛ خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەركەز قىلىپ، جەمئىيەت ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغداش كېرەك.

  ھازىر، دۇنيانىڭ 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلەشتى، دۇنيا داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە كىردى، مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئىنسانلار جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى، ئىشەنچ قىزىل رەقىمى، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى تۆۋەنلىمەي ئېشىۋاتىدۇ، ئومۇميۈزلۈك خەۋپسىزلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ۋەزىپە يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل. ئىنسانلار سانائەت مەدەنىيلىكى دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، غايەت زور ماددىي بايلىق يارىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەبىئىي بايلىقلارنى ئىگىلەش تېزلىتىلىپ، يەر شارى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت كۈنسېرى گەۋدىلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىلىمات ئۆزگىرىشى، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنىڭ يوقىلىشى، چۆللىشىشنىڭ ئېغىرلىشىشى ۋە ئىنتايىن ناچار ھاۋارايىنىڭ تەكرار كۆرۈلۈشى ئىنسانلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا كەسكىن خىرىس ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشى تۈپتىن ئۆزگەرمىدى، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشى يېڭى ئېلاستىكىلىقنى نامايان قىلدى، كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداش، ئالاقە، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ساداسى تېخىمۇ كۈچەيدى. بىز تۇرۇۋاتقان دەۋر خىرىسقا تولغان، ئۈمىدكە تولغان. ئىنسانىيەت جەمئىيىتى قاياققا مېڭىش كېرەك؟ رەئىس شى جىنپىڭ «بىزنىڭ ئورتاق كەلگۈسىمىز ئۈچۈن، بىز قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىشىمىز كېرەك» دەپ ئېنىق كۆرسىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  تەبىئەت ئىنسانلارنى يېتىلدۈردى، ئىنسانلار تەبىئەتنى يىلتىز قىلىشى، تەبىئەتنى ھۆرمەتلىشى، تەبىئەتكە ماسلىشىشى، تەبىئەتنى قوغدىشى كېرەك؛ تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلماسلىق، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىش تەبىئەتنىڭ ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرغاندىلا، ئاندىن بارلىق مەۋجۇداتلار ئىناق بولغان گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرغىلى بولىدۇ. سۇلارنىڭ سۈزۈك، تاغلارنىڭ يېشىل بولۇشىنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغدىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغانلىق. يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى تۈرتكە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشقاندىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشتا تەڭ پايدا ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت- سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، شۇڭا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى، ئېسىل مۇھىتقا بولغان ئۈمىدى، ئەۋلادلارغا بولغان مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئويلىشىش كېرەك. خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى مەركەز قىلىپ ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، ئاندىن تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ياخشى ئېكولوگىيەدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ. دۇنيادا بىرلا سىستېما بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما؛ پەقەت بىرلا تەرتىپ بار، ئۇ بولسىمۇ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ؛ پەقەت بىر يۈرۈش قائىدە بار، ئۇ بولسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانى. خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلىپ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغدىغاندىلا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  ئىنسانلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى قانداق باشلاش كېرەك؟ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاشتا چىڭ تۇرۇپ، سانائەت مەدەنىيلىكى ئېلىپ كەلگەن زىددىيەتنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىنسانىيەت پائالىيىتىنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەرداشلىق بېرەلەيدىغان چەك ئىچىدە چەكلەپ، تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداپ ۋە سىستېمىلىق تۈزەپ، تەبىئەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان يېڭى ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشتا ئەۋلادمۇئەۋلاد پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىگە ماسلىشىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش ئېلىپ كەلگەن غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد، ئېنېرگىيە، كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغدىن غايەت زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى يەر شارى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى تىرەككە ئايلاندۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېشىل خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك؛ خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى مەركەز قىلىپ ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىش، نامراتلىقنى تۈگىتىش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى قوغداشتا خەلقئارا قانۇنچىللىقنى قاتتىق يولغا قويۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپلىمىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تۈزۈم ۋە قائىدە ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا قائىدىگە ئۈنۈملۈك رىئايە قىلىش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش كېرەك. مۇۋاپىق كەلسە پايدىلىنىش، مۇۋاپىق كەلمىسە چۆرۈپ تاشلاشقا بولمايدۇ، يېڭى مۇھىت ئاسراش نىشانىنى بېكىتىشتە يۈكسەك ئىرادە ۋە ئەمەلىي تەڭپۇڭلۇققا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، يەر شارى مۇھىتىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق قىلىش كېرەك.

  ئىنسانلار بىر پۈتۈن گەۋدە، يەر شارى بىر يۇرت-ماكان. ئورتاق خىرىس ئالدىدا ھەرقانداق ئادەم، ھەرقانداق دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ، ئىنسانىيەتنىڭ پەقەت بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق بىللە ياشاشتىن ئىبارەت چىقىش يولى بار. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى پىلانلاپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت، ئادەم بىلەن ئادەم، ئادەم بىلەن جەمئىيەت ئىناق بىللە ياشاش، ياخشى ئايلىنىش، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىش، سىجىل گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرگەندىلا، بىز چوقۇم ئىنسانىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ