خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو كېسەللىكلەردىن مۇداپىيەلىنىش ۋە تىزگىنلەش مەركىزى يەرلىك كېسەللەرنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، خاربىن تېببىي داشۆ قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ سابىق باشلىقى جوۋ جىن قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.
جۇ جىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
جۇ جىن، ئەر، خەنزۇ، 1958- يىلى 5-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭسۇ ئۆلكىسى چاڭجۇ شەھىرىدىن، 1972- يىلى 12-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1978- يىلى 9-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، سۇجۇ تېببىي شۆيۈەنى قان ئىلمى كەسپىنى پۈتكۈزگەن، ئاسپىرانتلىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، تېببىي پەنلەر دوكتورى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ