مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

60 ياشتىن ئاشقانلار ھەقسىزداۋالىنامدۇ؟ دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى بۇ ھەقتە ئىنكاس قايتۇردى

2021.10.15 13:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى كېمەيتىش ياكى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلىش» توغرىسىدىكى مۇھاكىمىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. «ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە يەرلىك قاتلامدا شەھەرلەر ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋېتىپتۇ. مەسىلەن، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى، گەنسۇ ئۆلكىسى جىنچاڭ شەھەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: 60 ياشتىن ئاشقان قىسمەن ياشانغانلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش ھەققى كېمەيتىلىدۇ، يەنى ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش ھەققى ئىككى يۈەن، مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچلاردىن يۇقىرى مۇتەخەسسىسلەر ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىش ھەققىبىر يۈەن كېمەيتىلىدۇ.

  10-ئاينىڭ 12-كۈنى، دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى ھۆكۈمەت تورى «دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4 ـ يىغىنىنىڭ 4905-نومۇرلۇق تەكلىپىگە بەرگەن جاۋابى» نى ئېلان قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى خۇ مېيئې ئوتتۇرىغا قويغان «60 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» كە جاۋاب قايتۇردى.

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتەدۆلىتىمىزنىڭ 60 ياشتىن يۇقىرى ياشانغانلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىنى مۇۋاپىق كېمەيتىش ياكى تولۇق كەچۈرۈم قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش شارائىتىيېتەرلىك ئەمەس. ئەگەر ھەقسىز داۋالاشنى يولغا قويسا، ئاساسىي داۋالاش مۇلازىمەت دائىرىسىنى تارايتىپلا قالماي، تەمىنات سەۋىيەسىنى تۆۋەنلەپ، زۆرۈر بولمىغان داۋالاش ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  دۆلەت داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئېشىپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ