مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«2021-يىللىق تور ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» دا 37 مىڭدىن ئارتۇق دېلو پاش قىلىنىپ، 80 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى

2021.10.15 13:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ 14-ئۆكتەبىر ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىنى«2021-يىللىق تور ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» مەخسۇس ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، جەمئىي 37 مىڭدىن ئارتۇق دېلونى پاش قىلىپ، 80 مىڭدىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن، قانۇنغا خىلاپ ئالاقە تورى كارخانىلىرى ۋە ئورۇنلارنىڭ 20 مىڭدىن ئارتۇقىغا مەمۇرىي جازا بەرگەن.

  ھەر دەرىجىلىك ج خ تور بىخەتەرلىكى تارماقلىرى مەخسۇس ھەرىكەتتە فۇنكىسيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توردىكى گەۋدىلىك جىنايەتچىلەرنى قاتتىق جازالىدى. «پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش» ھەرىكىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش داۋامىدا، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر ۋە سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ تەكشۈرۈشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، شەخسىي ئۇچۇرنىقانۇنسىز يىغىش، تەمىنلەش ۋە ھايىنىغا سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە چېتىشلىق پۈتۈن شايكىغا زەربە بېرىلدى، 3900 دىن ئارتۇق دېلو پاش قىلىنىپ، 4600 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارى، 500 دىن ئارتۇق كەسىپ «تونىغا ئورىنىۋالغانلار» قولغا ئېلىندى.

  «تور گۇپپاڭچى» لىرىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ج خ ئورگانلىرى داۋاملىقتاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا نۇقتىلىق زەربە بەردى، 190 دىن ئارتۇق دېلونى پاش قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 1400 دىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتتى، 950 دىن ئارتۇق قانۇنسىز تور بېكەتنى قانۇن بويىچە تاقىدى. «ياش-ئۆسمۈرلەرنى قوغداش» ھەرىكىتىدە، ج خ ئورگانلىرى ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش»، «ئۆزىنى مېيىپ قىلىۋېلىش» قاتارلىق قىلمىشلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ تارماقلىرىغا ماسلىشىپ، ئالدىنى ئېلىش، نەسىھەت قىلىش ۋە يېتەكلەش خىزمىتىنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە خەۋپ يەتكۈزۈش دېلوسىدىن 60 نەچچىنى پاش قىلدى، 300 دىن ئارتۇق جىنايەت گۇماندارىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك شەھۋانىي تور بېكەتتىن 16 نى بىتچىت قىلدى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئېلىم-سېتىم شايكىسىدىن 4 نى بىتچىت قىلىپ، 120 دىن ئارتۇق قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قۇتقۇزدى، ئۆلۈۋېلىشقا ئۇرۇنغان ياشلار-ئۆسمۈرلەردىن 390 دىن ئارتۇقىنى قۇتقۇزدى.

  ج خ مىنىستىرلىقى تور بىخەتەرلىكى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ج خ ئورگانلىرى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، «2021-يىللىق تور ساپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى» مەخسۇس ھەرىكىتىنى پۇختا ۋە چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى، سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەتتىكى ئامما بىخەتەرلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ