مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو خەلقئارا «ئالاقە تورى +» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى نەنچاڭ داشۆسىدە باشلاندى

2021.10.14 15:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا «ئالاقە تورى +» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى نەنچاڭ داشۆسىدە رەسمىي باشلاندى. كەسكىن ئېلىشىش ئارقىلىق، 1085 تۈر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، 100 دۆلەتتىكى 1000 مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى توردا ۋە تور سىرتىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرى ئۈستىدە بەسلىشىدۇ.

  7-نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە «بۆسۈپ ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالايمەن، ئىگىلىك تىكلىيەلەيمەن» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جەمئىي 121 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 4347 مەكتەپ، 2 مىليون 280 مىڭدىن ئارتۇق تۈر، 9 مىليون 560 مىڭ ئادەم قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتتى. بۇ يىلقى مۇسابىقىدە يەنە مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يېشى 35 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىك چەكلىمىسى كۆپەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش ئوقۇغۇچىغا كۆرگەزمە قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە يېڭىدىن «تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى» تەسىس قىلىندى ھەم ئايرىم دەرىجە ئۆستۈرۈش يولى تەسىس قىلىنىپ، مەكتەپتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇسابىقىگە تېخىمۇ كەڭ قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش «كەلگۈسى چولپانلىرى»نىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىلدى. مۇسابىقە مەزگىلىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى»دە يەنە جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش جەڭگىۋار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش نەتىجىسى گەۋدىلىك نامايان قىلىنىدۇ.

  مۇسابىقە «دەل جايىدا پىلانلاش، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەش، ئىنچىكە يولغا قويۇش، نەپىس نامايان قىلىش» خىزمەت تەپەككۇرىنى چۆرىدەپ «1+6» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى بېكىتتى، «1» __ ئاساسىي گەۋدە مۇسابىقىسىنى، «6» __ 6 تۈرلۈك ئوخشاش مەزگىلدىكى پائالىيەتنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «جۇڭگو-چەت ئەلنى نامايان قىلىش» خەلقئارا ئەل ئىچى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى، «ئەقلىي ئىگىلىك تىكلەش» جۇڭگو يەرلىك داڭلىق ماركىلىرىنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىلىرى يۈزتۇرا كۆرۈشۈش، «جۇڭگونىڭ سەرخىللىرىنى نامايان قىلىش» ھەر نۆۋەتلىك مۇسابىقىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر تۈرلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ سەييارە كۆرگەزمە قىلىش، «يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تۈزەشنى نامايان قىلىش» يېڭىلىق يارىتىش يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئەقلىيلاشقان يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى، «بۇلۇتتا چاقناش» يەر شارى رەقەملەشكەن مائارىپ بۇلۇتتىكى باشلىقلار يىغىنى، «كەلگۈسىگە توپلىنىش» خەلقئارا ياش ئالىملارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇنازىرە يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا «ئالاقە تورى +» ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق مەركەزدىكى 12 مىنىستىرلىق، كومىتېت، ئورۇن ۋە جياڭشى ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان، نەنچاڭ داشۆسى، نەنچاڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ مۇسابىقە 2015-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى، دۇنيا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش سەھنىسى، جۇڭگو-چەت ئەل ئادىمىيەت ئالاقىسى سۇپىسىغا ئايلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ