مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئازادلىق ئارمىيەنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا مەشق قىلىشى ھەربىي تەھدىت؟ گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى جاۋاب قايتۇردى!

2021.10.14 11:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، باياناتچى ما شياۋگۇاڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  مۇخبىر: يېقىندا، ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى مانېۋىر پائالىيىتى توغرىسىدا دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى بۇنى ھەربىي تەھدىت، دەپ ھەدەپ مۇبالىغە قىلىپ، قارشىلىشىشقا قۇتراتتى، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟ چوڭ قۇرۇقلۇق مۇناسىۋەتلىك سىگنال بېرىۋاتامدۇ؟

  ما شياۋگۇاڭ: دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرى ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» كۈچلىرى ۋەزىيەتكە خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ، تاشقى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ئىزچىل«مۇستەقىللىق» ئىغۋاگەرچىلىكى تۇغدۇردى، بۇھازىرقى تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىدىكى جىددىي داۋالغۇشنىڭ مەنبەسى.

  «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، «مۇستەقىللىق» ھەرىكىتىنى قەتئىي توسقاندىلا، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بەخت-سائادىتىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ئازادلىق ئارمىيە ھەربىي مانېۋىرى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ئۈچۈن قوللىنىلغان زۆرۈر ھەرىكەت، بۇ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا قارىتىلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى ۋە ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى تۈپتىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.

  مۇخبىر: تەيۋەن مۇداپىئە ئىشلىرى تارمىقىنىڭ مەسئۇلى يېقىندا تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن پەيتتە، ئازادلىق ئارمىيە 2025-يىلى ئومۇميۈزلۈك «تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش» ئىقتىدارىنى ھازىرلايدۇ دېگەن، بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  ما شياۋگۇاڭ: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار شۇنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ھازىر تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ۋە كەسكىن، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتى جىددىي ھەم قارىمۇقارشى، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسى دائىرىلىرىنىڭ تاشقى كۈچلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، «مۇستەقىللىق» نى پىلانلاپ، ئىغۋاگەرچىلىكتە چىڭ تۇرغانلىقىدا. ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ