مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى: جۇڭگونىڭ بۇ ئىشى بەك قالتىس بولدى

2021.10.14 11:17 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت «جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى 15-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلار «يۈننەندىكى پىللارغا نەزەر» ناملىق قىسقا فىلىم ئارقىلىق ئاسىيا ياۋايى پىل توپىنىڭ 17 ئايدا يۈننەننىڭ يېرىمدىن ئارتۇق يېرىنى كېزىش سەپىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، جۇڭگو ۋە يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى قوغداش نەتىجىلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى ھېس قىلدى. يىغىن ئارىلىقىدا، دانىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى موللېر «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگونىڭ سالماقلىق بىلەن ۋاقتىدا تەدبىر كۆرگەنلىكىنى توختىماي ماختىدى.

  باش ئەلچى موللېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «پىل چوڭ تىپتىكى ھايۋان، ئۇلار ئىنسانلار ماكانىغا كەلگەندە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، لېكىن جۇڭگونىڭ قوللانغان تەدبىرى ئىنتايىن قالتىس بولدى». ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: يۈننەندىكى جايلار ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ كۆزىتىپ، ئاھالىلەرنى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇددەتتىن بۇرۇن تارقاقلاشتۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، پىلنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئوڭۇشلۇق «ئۆيىگە قايتىشى» ئۈچۈن يول ئېچىپ، ئادەم ۋە پىلنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

  موللېرنىڭ قارىشىچە، ب د ت نىڭ بۇ قېتىمقى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى يىغىنى كەلگۈسى 10 يىلدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ساھەسىدىكى ئەڭ مۇھىم بىر قېتىملىق يىغىن ئىكەن. جۇڭگو بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ساھىبخانى، شۇنداقلا دۇنيادىكى جانلىقلار كۆپ خىللىقى ئەڭ مول بولغان 12 دۆلەتنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنياغا كۈچلۈك سىگنال تارقاتتى، «جۇڭگونىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى مەسىلىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ دەرھال ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك».

  موللېر جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا قوشقان تۆھپىسى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئورمان بىنا قىلىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ ھەمدە بۇ جەھەتتە ئىنتايىن زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى، بۇ تەجرىبىلەر باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ.

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8-ئۆكتەبىر ئېلان قىلغان «جۇڭگودىكى جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى قوغداش» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابقا ئاساسەن، 2009-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىنا قىلىنغان ئورمان كۆلىمى 70 مىليون گېكتاردىن ئاشتى. 2000-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، دۇنيا بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆكەرتىش كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن%25 ى جۇڭگوغا تەۋە بولۇپ، قوشقان تۆھپىسى دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ