مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جياڭشى ئۆلكىلىك دۆلەت زېمىنى بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، نازىر ليۇ جىفۇ ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلدى

2021.10.14 11:16 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جياڭشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جياڭشى ئۆلكىلىك دۆلەت زېمىنى بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، نازىر ليۇ جىفۇ قانۇن ۋە ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا.

  ليۇ جىفۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

  ليۇ جىفۇ، ئەر، خەنزۇ، 1949-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، جياڭشى ئۆلكىسى جىئەن ناھىيەسىدىن، تولۇق كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، 1968-يىلى 2-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1969-يىلى 12-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  1968-يىلى 2-ئايدىن 1978-يىلى 9-ئايغىچە قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن؛

  1978- يىلى 9-ئايدىن 1987-يىلى 9-ئايغىچە جىئەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مۇئاۋىن مەھكىمە باشلىقى بولغان؛

  1987- يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 12-ئايغىچە جىڭگاڭشەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛

  1989- يىلى 12-ئايدىن 1991-يىلى 8-ئايغىچە جىڭگاڭشەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  1991- يىلى 8-ئايدىن 1995-يىلى 5-ئايغىچە جىئەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، جىئەن شەھەرلىك (ناھىيەلىك) پارتكومىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  1995- يىلى 5-ئايدىن 1998-يىلى 2-ئايغىچە يىچۈن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان؛

  1998- يىلى 2-ئايدىن 2001-يىلى 12-ئايغىچە جيۇجياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى بولغان؛

  2001- يىلى 12-ئايدىن 2005-يىلى 6-ئايغىچە جيۇجياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2005- يىلى 6-ئايدىن 2006-يىلى 3-ئايغىچە ئۆلكىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2006- يىلى 3-ئايدىن 2010-يىلى 1-ئايغىچە ئۆلكىلىك دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، نازىرى بولغان.

  (جياڭشى ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ