مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى» بىر كۈلدۈرگە خالاس

2021.10.14 11:13 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  سوئال: يېقىندا، چەت ئەل ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرى ئاتالمىش«ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى»، «گۇۋاھچى» نىڭ مەيدانغا چىقىش ھەققى ۋە زاڭ مالنى بۆلۈش نىسبىتىنى ئاشكارىلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋاب: مەن مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم. خەۋەردە يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئومۇمىي سوممىسى 100 مىڭ 700 فوندسىتېرلىڭ بولغان خىراجەت ئىچىدە، ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغىنى ۋاڭ فامىلىلىك «نامسىز گۇۋاھچى» بولۇپ، 43 مىڭ فوندسىتېرلىڭ پايدا ئالغان. بۇ ئادەم «2018-يىلى شىنجاڭغا بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىلگەن سابىق ساقچى» سالاھىيىتى بىلەن ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، شىنجاڭغا دائىر نۇرغۇن ساختا ئۇچۇرلارنى تارقاتتى. ئەمما، ئوخشاش بىر ئادەم CNN خەۋىرىدە بىر دومىلاپلا جياڭ فامىلىلىككە ئۆزگىرىۋالغان، ھەتتا CNN ئۆزىمۇ «ئۆز ئالدىغا ئۇنىڭ پىكرىنى دەلىللىيەلمەيدىغانلىقى» نى ئېتىراپ قىلدى. تۈنۈگۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاچقان 57-مەيدان شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەرنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گەپنى ئوچۇقلا ئېيتىپ، بۇ كىشىنىڭ توقۇغان گەپ-سۆزلىرى بەك ساختا بولۇپ قالدى، دېدى.

  جۇڭگو تەرەپ كۆپ قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى» زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق بۆلگۈنچى تەشكىلاتى. «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى» نىڭ مەبلەغ ياردىمى، جۇڭگوغا قارشى بىر ئوچۇم ئۇنسۇرلارنىڭ ئالدامچىلىق قىلىشتىكى قورالى بولۇپ، ھېچقانداق قانۇنىي سالاھىيىتى ھەم ئاممىۋى ئىشەنچى يوق. ئەگەر سىز تىلغا ئالغان بۇ خەۋەر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولسا، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئالاھىدە سوتى» نىڭ سېپى ئۆزىدىن «ئويدۇرمىچى» ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلايدۇ. بۇ بىر توپ جۇڭگوغا قارشى ئۇنسۇرلار پۇل خەجلەشتىن يانماي ئالدامچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، پۇلغا يالغان-ياۋىداق سېتىۋالدى، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا بالايىئاپەت كەلتۈرۈش، جۇڭگوغا قارا چاپلاش ئۈچۈن قوللانغان ۋاسىتىلىرى ھەرقانداق ۋەھشىيلىكتىن قېلىشمايدۇ.

  يالغان گەپ مىڭ قېتىم تەكرارلانسىمۇ يەنىلا يالغان گەپ. گەرچە بۇ ھەزىلكەشلەر جان-جەھلى بىلەن كۈچىنى ئىشقا سالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يالغان-ياۋىداقلارغا تولغان ئويۇننى كۆرگەنلەر ساناقلىقلا. بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇكى، خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلار تارقاتقان ساختا ئۇچۇرلارغا ئەمدى ئىشەنمەيدىغان، ھەتتا بۇنىڭدىن بىزار بولىدىغان بولدى. جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى كۈنسايىن ياخشىلىنىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىگە ئوبيېكتىپ، ئادىل مۇئامىلە قىلىش ساداسىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ