مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەييۈەن، شېنياڭ، خاربىن قاتارلىق 110 شەھەردە ئېلېكترونلۇق پراۋا ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ

2021.10.14 11:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى كېڭەيتىپ قوللىنىش ئاساسىدا، تەييۈەن، شېنياڭ، خاربىن قاتارلىق 110 شەھەردە 2-تۈركۈمدە پراۋىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇپ، ج خ قاتناش باشقۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرى ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئېلېكتىرونلۇق پراۋىنىڭ ۋاقتىدا، ئوڭۇشلۇق تارقىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە 2-تۈركۈمدىكى 110 كېڭەيتىپ قوللىنىلىدىغان شەھەرلەردە ئېلېكتىرونلۇق پراۋا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىش ئىقتىدارى يولغا قويىلىدىكەن، شوپۇرلار يەرلىكنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا قارىتا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن «قاتناش باشقۇرۇش12123» APP ى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق پراۋا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. شەھەرلەردە تارقىتىلغان ئېلېكترونلۇق پراۋا پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، ئۇنى قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى بېجىرىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغاندا، شۇنداقلا يولۇچى، يۈك توشۇش، ئاپتوموبىل ئىجارىگە بېرىش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئەھۋاللاردىمۇ قوللانسا بولىدۇ

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ