مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈندىدارغا ئائىلە باشلىقلىرى ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىقتىدار قوشۇلدى

2021.10.14 11:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئۈندىدار «ياش-ئۆسمۈرلەر ھالىتى»نى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاپ،«ۋەسىي ھوقۇق بېرىش» ئىقتىدارىنى قوشتى. ئابۇنتلار ئاندروئىد ۋە iOS سىستېمىسىدىكى ئۈندىدارنى 8.0.15 نەشىرىگە يېڭىلىغاندىن كېيىن نورمال ئىشلەتسە بولىدۇ. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق ئاتا-ئانىلار ياش-ئۆسمۈرلەرگە نېمىنى كۆرسىتىش، قانچىلىك ۋاقىت كۆرسىتىش قاتارلىقلارنى تەڭشىيەلەيدۇ.

  ئۈندىدارىڭىزنى يېڭىلىغاندىن كېيىن،مەخپىي نومۇر، ۋاقىت چەكلىمىسى، كۆزنەك ئەسكەرتمىسى، ياشلار-ئۆسمۈرلەر مەخسۇس زىيارەت دائىرىسى قاتارلىق ئىقتىدارلاردىن سىرت، تۆۋەندىكى ئىقتىدارلارنى قوللىنالايسىز.

  1.ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆز يۈگرىتىش مەزمۇنىنى جانلىق بەلگىلىيەلەيسىز. ياش-ئۆسمۈرلەر ھالىتىگە تەڭشىكەندىن كېيىن كۆرگىلى بولمايدىغان مەزمۇنلار، مەسىلەن: ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈندىدار سالونى، ئەپچاق، ئۇلانما قاتارلىقلارنى كۆرمەكچى بولسا، ۋەسىيلىرىگە ۋاقىتلىق كۆرۈشنى ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن كۆرەلەيدۇ.

  2. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ سىن نومۇرى كۆرۈش ۋاقتىنى مۇۋاپىق كونترول قىلالايسىز. ئەگەر ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈندىدار سىن نومۇرىنى كۆرۈش ۋاقتى ئېشىپ كەتسە، ۋاقىتلىق ھوقۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، ئىشلىتىش ۋاقتىنى يەنە 40 مىنۇت ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

  3. ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۈندىدارنى ئىشلىتىششىنى يىراق مۇساپىدە يېتەكلىگىلى بولىدۇ. ياش-ئۆسمۈرلەر ھامىيسىنىڭ يېنىدا بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇلارغا ئىلتىماس سۇنۇپ ماقۇللىقىنى ئالغاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتەلەيدۇ.

  مەشغۇلات ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى قەدەم: ھامىيغا باغلاش

  ئۈندىدارنىڭ باش كۆرۈنمە يۈزىدە «مەن-تەڭشەك-ياش-ئۆسمۈرلەر ھالىتى» نى چېكىپ، مەخپىي نومۇر (بالىلار كۆرۈپ قالمىسۇن) كىرگۈزگەندىن كېيىن، ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ تەكلىپىنى يوللاپ، ھامىيلىق قىلغۇچىنىڭ ئۈندىدارىدا جەزملەشتۈرسىڭىزلا باغلىنىدۇ.

  ئىككىنچى باسقۇچ: ۋەسىيدىن ھوقۇق بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش

  ياش-ئۆسمۈرلەر زىيارەت قىلغىلى بولمايدىغان مەزمۇنغا يولۇققاندا، دەلىللەش مەخپىي نومۇرىنى تاللاپ (ۋەسىيلەر كىرگۈزىدۇ) ياكى ۋەسىيلەرگە يىراقتىن ۋاقىتلىق زىيارەت قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  سىن نومۇرىنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتىنىمۇ يۇقىرىقى ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ، ۋەسىي قوشۇلغاندىن كېيىن يەنە 40 مىنۇت ئۇزارتىپ كۆرگىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ