مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ھىندىستاننى چېگرا مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان، كېڭەيتىۋېتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى

2021.10.14 11:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 13- ئۆكتەبىر رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بەزى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا ئاساسلانغاندا، ھىندىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى نادۇ يېقىندا ئاتالمىش «ئارۇناچال ئىشتاتى»غا زىيارەتكە بارغان، جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھىندىستاننىڭ ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز تەسىس قىلغان ئاتالمىش «ئارۇناچال ئىشتاتى»نى ئەزەلدىن ئېتىراپ قىلمايدۇ، ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ يۇقىرىقى رايونلارغا زىيارەتكە بېرىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ.

  جاۋ لىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھىندىستاننى جۇڭگو كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، چېگرا مەسىلىسىنى مۇرەككەپلەشتۈرىدىغان، كېڭەيتىۋېتىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى توختىتىشقا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىققا، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق جۇڭگو - ھىندىستان چېگرا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداپ، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىيات يولىغا قايتىشىغا تۈرتكە بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ