2021-يىللىق دۇنيا رەقەملىك سودا يىغىنى ۋۇخەندە ئېچىلدى

2021.10.13 20:25 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 12-ئۆكتەبىر، مەملىكەت بويىچە 15 داڭلىق كارخانا ۋە ئاپپارات ۋۇخەننىڭ دۆلەت سودا ئەشيا ئوبوروت مەركىزى قۇرۇشىنى قوللاش تەشەببۇسنامىسى ئىمزالىدى.

  شۇ كۈنى، 2021-يىللىق دۇنيا رەقەملىك سودا يىغىنى خۇبېي ۋۇخەندە ئېچىلدى، تەخمىنەن 100 دۆلەتنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى ۋە سودىگەرلەر (جەمئىيىتى) ۋەكىللىرى، شۇنداقلا 10 مىڭدىن ئارتۇق سودىگەر، مۇتەخەسسىس، ئالىملار توردا يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىندا «دۇنيانى ئەقلىي بىرلەشتۈرۈش، ماللارنى پۈتۈن جاھانغا ئوبوروت قىلىش» ئاساسىي تېما قىلىنغان، خۇبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، ۋۇخەن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، خۇبېي ئۆلكىلىك سودا نازارىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋۇ جىزۇن فوتوسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ